شىنجاڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-03 17:38

تومۇز ئىسسىقتا مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشتى، گۈزەل شىنجاڭ ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىگە كىردى. پەقەت تاڭزۇڭزا چاغىنىدىكى قىسقا دەم ئېلىشتىلا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى ئۈچ مىليون 540 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %95 ئاشتى، ساياھەت ئىستېمالى ئۈچ مىليارد 210 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئىككى ھەسسىگە يېقىن ئاشتى.

گۈللەپ ياشنىغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ساياھەتچىلىك-يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولۇپ، ئىقتىسادى گۈللىنىشنىڭ بىر كۆرۈنۈشى. 2-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان، بولۇپمۇ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ھەققىدىكى زور فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب-شىمالىدا خاتىرجەم ياشايدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «1-كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2-كەسىپنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇش، 3-كەسىپنى كۈچلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش» ئىسلاھات تەپەككۇرىنى چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، بۇلۇت چوت، يېڭى ئېنېرگىيە، ساياھەت قاتارلىق كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىساد ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب-شىمالىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق ئۇللۇق قاتناش، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرىنى زىچ قۇرۇپ، ساياھەت، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى، ئىنتېرنېت ئىستېمالى قاتارلىق 3-كەسىپلەرنىڭ تېز تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلدى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ ساياھەتتە كۈتۈۋالغان ئادەم قېتىم سانىنىڭ ئېشىشى ئۇدا ئىككى يىل %30 تىن يۇقىرى بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇردى، 2017-يىلى يۈز مىليون ئادەم قېتىملىق ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ساياھەت ئۇنىۋېرسال ئىستېمالى 182 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوتتۇرىچە %30 تىن كۆپرەك ئاشتى.

شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى مۈشكۈل، پەقەت جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىلا 22 ئېغىر نامرات ناھىيە بار. بۇلتۇر، مەركەز ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغىدىن ئالتە مىليارد 177 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37 ئاشۇردى، بۇنىڭ %80 ى ئېغىر نامرات رايونلارغا ئاجرىتىلدى.

2017-يىلى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، شەھەر 545 تۈرنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن يەتتە مىليارد 515 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى نۇقتىلىق ياخشىلاش، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، داۋالاش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇلتۇر شىنجاڭدا 317 مىڭ 400 ئادەم، 331 نامرات كەنت نامراتلىقتىن قۇتۇلغان، نامراتلىق نىسبىتى 2016-يىلىدىكى %15.51 تىن %12.63 كە چۈشكەن.

2016-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، بىر مىليون يۈز مىڭدىن ئارتۇق ھەر دەرىجىلىك كادىر، ئىشچى-خىزمەتچى، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىر بىلەن بىر مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنى تۇغقانلاشتۇرۇپ، قەرەللىك ئۆز ئارا يوقلاش، زىيارەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدىكى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان نۇرغۇن ئىش-ئىزلارنى بارلىققا كەلتۈردى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ كادىرى گاۋ لۇجى ھەر ئىككى ئايدا قەشقەر شەھىرى قوغان يېزىسى كۇكاڭ كەنتىدىكى ئىنىسى ياسىنجان مەمەتنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر نەچچە كۈن تۇرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: دېھقان تامىقى يەپ، دېھقان ئۆيىدە قونۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئايرىشىپ بېرىپ ياسىنجاننىڭ ئۆيىدىكى ئادەم بولۇپ قالدىم، بۇ يىل ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمەن.

شىنجاڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش، ئاساسىي قاتلامنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى ئاساسلىق تەدبىر بولغان ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش جەھەتتە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان بەش يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك كادىردىن 350 مىڭ ئادەم قېتىم كۈچ ئۇلاپ كەنتتە تۇرغۇزۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ بارلىق مەمۇرىي كەنتلىرى ۋە مەھەللىلىرىنى قاپلىدى.