ئېشىندى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ئائىلىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-04 18:28

ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شىۋول يېزىسى داش كۆل كەنتىلىك چىناخان مەمەتئېمىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىنفۇ ئالاھىدە يىپ چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يېڭى تۇرمۇشىدىن ناھايىتى مەمنۇن ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن ئائىلە ئايالى ئىدىم، ئۆيدىكىلەر يەر تېرىسا، مەن ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ، بالىلارغا قارايتتىم. بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، راست گەپنى قىلغاندا ئەمەلىي كۈچۈمگە تايىنىپ پۇل تاپتىم. بىر ئايدا 3500 يۈەن مائاش ئالالايمەن. ئەر-خوتۇن ئىككىمىز ئايدا 5مىڭ يۈەن ئامانەت قويۇۋاتىمىز. تۇرمۇشىمىز خىلىلا ياخشىلاندى، تۇرمۇشىمىز باياشات بولدى.

2017-يىلى 4-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدىكى شەھەر يېزا ئېشىندى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى باشلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلدى. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق جىنفۇ ئالاھىدە يىپ چەكلىك شىركىتى بۇنىڭغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېشىندى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۈچ تۈركۈم قوبۇل قىلىپ، نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى. شىركەت پارتىيە-ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى زو ياۋلى مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ شىركىتىمىزگە كېلىپ ئىشلىسىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ، چۈنكى بىزنىڭ مائاش سەۋىيەيىمىز بىر قەدەر يۇقىرى، مېنىڭ قوشماق بولغان تۇغقىنىم 40مىڭ يۈەن پۇل ئامانەت قويۇپ بولدى، بەزى خىزمەتچىلەر يەنە كورلا شەھىرىدىن ئۆي، ماشىنا سېتىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىنفۇ ئالاھىدە يىپ چەكلىك شىركىتى- شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى بالا شىركەت، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش بازىسى. يېڭى خىزمەتچىلەر زاۋۇتقا كىرگەندىن كىيىن، شىركەت قانۇن، دۆلەت ئورتاق تىلى، كەسپىي ماھارەت، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق جەھەتلەردىن تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈردى. شىركەت يەنە ئەر-خوتۇن خىزمەتچىلەرنى ئاشخانىسى بار ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي بىلەن تەمىنلەپ، كارىۋات، كىيىم ئىشكاپى، ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سەپلەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلىدى. چىناخان مەمەتئېمىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ياتاقنى شىركەت بېرىدۇ، بۇ يەردە ئەر-خوتۇنلار تۇرىدىغان ئۆيمۇ بار. ياتاق ئىچىدە ئاشخانا بار، تاماقنى ئۆزىمىز ئېتىپ يەيمىز، ناھايىتى قولايلىق.

ھازىرغىچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىنفۇ ئالاھىدە يېپ چەكلىك شىركىتى نامرات ئائىلىلەردىكى 252ئەمگەك كۈچىنى قوبۇل قىلدى. شىركەتنىڭ تەربىيەلىشى ۋە غەمخورلۇقى بىلەن ئۇلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، چىقىش يولى تاپتى، شىركەتتە ئۇلارنىڭ چېھرىدىكى ئىشەنچ ۋە خۇشاللىقتىن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى بەختنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسىدىن كەلگەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خىزمەت ئەترىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان مەمەتجان مۇتەللىپ ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بۇنداق چوڭ شەھەرگە كېلىشىمىزنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدۇق، ھازىر ئەڭ ئاساسلىقى كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش جەھەتتە ناھايىتى چوڭ ياخشىلىنىش بولدى، ئىلگىرى يەپ باقمىغان ئېسىل تائاملارنى يېدۇق، كىيىپ باقمىغان كىيىملەرنى كەيدۇق. ھازىر بىز ھەر ئايدا ئۆيىمىزگە پۇل ئەۋەتىۋاتىمىز، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئىقتىسادى كىرىمىمىز ھەقىقەتەن زور دەرىجىدە كۆپەيدى. بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن كۆپچىلىك چوڭ شەھەر رىتىمىغا ئاستا-ئاستا ماسلاشتى، پاكىز، مەدەنىي بولدى، سىرتتىكى ئىجابىي كۈچنى قوبۇل قىلدى، ئىدىيەسىمۇ ئىلغارلاشتى، ئالغا ئىلگىرىلەش روھىغا ئىگە بولدى، يېڭى تۇرمۇشنى كۈتۈۋالىدىغان يېڭى ھالەت شەكىللەندۈردى.