جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يۈك مەركىزى نۆۋەتچى پويىزدا ماركا ياراتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-05 17:23

جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يۈك مەركىزىدە قاتناش باشلانغان ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، قاتناش لىنىيەسى، خېرىدارلار توپى، مال تۈرى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، نۆۋەتچى پويىزدا ماركا ياراتتى. نۆۋەتتە، دەسلەپكى 4 لىنىيە كۆپىيىپ 19 لىنىيەگە يەتتى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى 17 دۆلەتنىڭ 24 شەھىرىگە قاتناپ، ئاساسلىقى كىيىم-كېچەك، مىلىچمال، نېفىت خىمىيە سانائىتى، ئۈسكۈنە، PVC قاتارلىق ئاپتونوم رايون ئىچى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلەپچىقىرىلغان 200 خىلدىن ئارتۇق مالنى توشىدى.

تىز، بىخەتەر، راۋان بولۇش - يۈك مەركىزىنىڭ يارقىن نۇقتىسى. بۇ مەركەز ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى 100 دىن ئارتۇق ئىمپورت - ئېكسپورت كارخانىسى بىلەن مۇقىم ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. بۇ يىل جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يۈك مەركىزى 1400 نۆۋەت پويىز قاتناشنى پىلانلىدى.

بۇ مەركەزنىڭ يۈك ساندۇقى مال ئىگىسى، جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى شىركىتى تۇنخې پەمىدۇر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى مەسئۇلى ۋاڭ يەنلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن خېرىدارلار جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا ناھايىتى قىزىقىپ قالدى، شۇڭا بىز بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىدىن ئىتالىيەگە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزنى يولغا قويۇپ، خېرىدارلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتۇق. بىز تېخىمۇ كۆپ مالنى شەرقتىن غەربكە قاتنايدىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا جەلپ قىلىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ۋاقىتنى تېجىمەكچى بولدۇق.

ئۈرۈمچى يۈك مەركىزى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە باشلامچى بولۇپ " شەرق بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، غەربكە چىقىرىش" قېلىپىنى تاماملاپ، بۇلتۇر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە دېڭىزدىكى يىپەك يولىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

شىنجاڭ تۆمۈر يولى خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى نەن جۈن مۇنداق دېدى: بۇلتۇر بىز جۇڭتەي شىركىتىنىڭ PVC ماللىرىنى ئۈرۈمچى يۈك مەركىزىدىن ليەنيۈنگاڭ پورتىغا ئەۋەتىپ، ليەنيۈنگاڭ پورتىدىن پاراخوتقا قاچىلاپ، ئاندىن ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىغا يەتكۈزۈپ، قۇرۇقلۇق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بىلەن دېڭىزدىكى يىپەك يولىنى تولۇق كېسىشتۈردۇق.

ئۈرۈمچى يۈك مەركىزى غەربكە يۈزلەنگەن ئەشيا ئوبوروت يولىدىن خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى يىغىش -تارقىتىش بازىرى ئايلاندى، شۇنداقلا جۇڭگو - ياۋروپا قۇرۇقلۇق سودا يولى، جۇڭگو ياۋروپا ئارىسىدىكى يوللارنى تۇتاشتۇرۇش، ئەشيا ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە "بىر بەلباغ ، بىر يول" قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك توشۇش ئىقتىدارى كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.