شىنجاڭ قەشقەر-خوتەن تۆمۈر يولىدا پويىز قاتنىغانلىقىنىڭ يەتتە يىللىقى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-08 19:51

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خوتەندە ئىشلەيدىغان مەنسۇر ئابلەت قەشقەرنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدىكى ئانىسىنى ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم يوقلىغىلى بارىدۇ. مەنسۇر ئابلەت: ماشىنا بىلەن بېرىپ كېلىشكە 600 يۈەندىن ئارتۇق كېتىدۇ، پويىزغا ئولتۇرسام 200 نەچچە يۈەنلا خەجلەيمەن، يەنە 3 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، دېدى. يەتتە يىل ئىلگىرىكى 28-ئىيۇن، قەشقەر- خوتەن تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلاندى. «خوتەن يۇرۇڭقاش» ناملىق پويىز تەكلىماكان قۇملۇقىنى بويلاپ بېرىپ كېلىپ قاتنىدى، بۇنىڭ بىلەن خوتەنگە پويىز قاتنىماسلىقتەك تارىخقا خاتىمە بېرىلىپ، خوتەن بىلەن سىرتنىڭ تېخىمۇ قويۇق ئالاقە كۆۋرۈكى سېلىندى.

قەشقەر-خوتەن تۆمۈر يولىدا پويىز قاتنىغاندىن كېيىن، خوتەننىڭ قاشتېشى، ياڭاق، چىلىنى قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان، ئۈرۈمچىگە بېرىپ كىيىم-كېچەك، ئاياق كىيىم توپ سېتىۋالىدىغان سودىگەرلەر «خوتەن يۇرۇڭقاش» ناملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى تاپتى. جەنۇبىي شىنجاڭ ئاممىسى ئۆيىدىن چىقىپلا پويىزغا ئولتۇرۇپ يىراقلارغا بېرىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىدا ئىلگىرىلىمەكتە.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2017-يىلى خوتەن ۋوگزالىدا توشۇلغان يولۇچى 470 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن، بۇ يىل كۈندىلىك ئوتتۇرىچە يولۇچى توشۇش مىقدارى 1600 ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.