شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 17:17

بۇ يىل 6-ئايدا، لو ياشۈ ۋە ئۇنىڭ بەش ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان 47ساۋاقدىشى خېبېي سىفەن داشۆسىنىڭ بايىنغولىن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى بىلەن بىرلىشىپ تەسىس قىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك تولۇق كۇرۇس سىناق سىنىپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۈچ مىڭ نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شىنجاڭدىن ئانا مەكتىپى خېبېي سىفەن داشۆسىگە بېرىپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

لو ياشۈ مۇنداق دېدى: مەن ناھايىتى تەلەيلىك، سىناق سىنىپىنىڭ تەسىس قىلىنىشى مېنى بايىنغولىندىن چىقماي تۇرۇپلا تۇلۇق كۇرۇستا ئوقۇش ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ئىلگىرى بۇلارنى ھەقىقەتەن ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.

بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى مائارىپ جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى سۈپىتىدە خېبېي سىفەن داشۆسى بىلەن بايىنغولىن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى بىرلىشىپ كومپيۇتېر ئىلمىي ۋە تېخنىكا كەسپى بۇيىچە تۇلۇق كۇرۇس كەسپىي سىناق سىنىپى تەسىس قىلىپ، «مەخسۇس كۇرۇس بىلەن تولۇق كۇرۇسنى ئۇلاپ ئوقۇش» تولۇق كۇرۇس مائارىپىدىكى باشلامچى بولغانىدى. سىناق سىنىپ بايىنغولىن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە تەسىس قىلىندى. شۆيۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى گى جيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سىناق سىنىپىنىڭ تەسىس قىلىنىشى بايىنغولىن كەسپى شۆيۈەنىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، بايىنغولىن شۆيۈەنىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئالى كەسپى مائارىپتىن تولۇق كۇرسقا ئۇلاشقان ئۆرلەپ ئوقۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئوقۇغۇچىلىرىمىزمۇ ناھايىتى كۆپ تەننەرخنى تېجەپ قالدى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جۈملىدىن، جەنۇبىي شىنجاڭ ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشى، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ مۇنەۋۋەر، يۇقىرى تېخنىكىلىق، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار بىلەن تەمىنلىدى.

1997-يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلار شىنجاڭغا كەلگەن 20 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەزدىكى مىنىستىرلىق، كومىتېتلار، 19ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر يۈرۈش مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 20مىڭغا يېقىن كادىر ۋە تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى شىنجاڭغا كېلىپ، كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي قۇرۇلۇشى، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى، دوختۇرخانا، مەكتەپ قۇرۇلۇشى شۇنداقلا ئالاھىدە كەسپى بازا قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.

ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا، تيەنجىن شەھىرى پىلانلىغان، ياردەم بەرگەن كېرىيە ناھىيەسى كونا شەھەر رايونى قوغداش خاراكتېرلىك ساياھەت تەرەققىيات تۈرى باشلىنىپ، ناھىيە شەھىرىنىڭ كونا قىياپىتى تەلتۆكۈس يېڭىلاندى. تيەنجىن شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى جاڭ ۋىي مۇنداق دېدى: ساياھەت كەسپىنى تەسىس قىلدۇق، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلاشتى، پۇقرالار غەمدىن ھەقىقىي خالاس قىلىندى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ تۈرتكىسىدە قان بېرىش قان ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆزگەردى.

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونىشەھەر ناھىيەسى ئوغۇساق بازىرى تۆۋەن ئوغۇساق كەنتىدىن نۇربىيە ئابدۇرېيىم ھازىر شىنجاڭ يۈفىڭلىڭ كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر تىككۈچىسى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ ياردىمىدە كەنتتە كىچىك زاۋۇت قۇرۇلۇپ، نۇربىيە مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى. نۇربىيە مۇنداق دېدى: ئىلگىرى يولدىشىم بەرگەن پۇللارنى ئىشلىتەتتىم، ھازىر خىزمەتچى بولدۇم، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال، ئايدا 1200يۈەن پۇل تاپالايمەن.

قاتتىق دېتالدىن يۇمشاق دىتالغىچە، قان بېرىشتىن قان ئىشلەپچىقىرىشقىچە، ئەقىل كىرگۈزۈشتىن ئادەم تەربىيەلەشكىچە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ شەھەر يېزا قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنىپلا قالماستىن يەنە كىشىلەرنىڭ نۇقتىئىنەزىرىمۇ ئۆزگەرتىلدى، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلاندى، يەنە كەسىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى. بۇنىڭغا نۇرغۇن جايلارنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى، كۈچى مۇجەسسەملەندى.