ياخشى مەنزىرە تەڭرىتېغى ئېتىكىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بېيىشىغا ياردەم بەردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-12 18:00

تەڭرىتېغىنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ئىلگىرى چېگرا رايوندىكى نامرات رايونلارنىڭ بىرى ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ جاي ئېكولوگىيەلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، يېزا-كەنت ساياھىتى ئارقىلىق يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش نامراتلارنى يۆلەش يېڭى يولىنى تېپىپ چىقتى.

باركۆل كۆلى- شىنجاڭدىكى داڭلىق تەبىئىي مەنزىرە رايونى، مەنزىرە رايونىنىڭ كۆلبۇيى يېزىسى ئۈچ كەنتى ھەقىقەتەن كونا نامرات كەنت. «گۆھەر ماكاندا تۇرۇپ، نامرات تۇرمۇش كەچۈرۈش» كۆلبۇيى يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ جۈنخۇينى ئەپسۇسلاندۇردى، ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، سەھرا ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى قارار قىلدى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت باركۆل كۆلى ساياھىتىنى ئاچتى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كۆل ئايلانما تاشيولى، سال كۆۋرۈك، ماشىنا توختىتىش مەيدانى قاتارلىقلارنى ياسىدى، مەنزىرە رايونىدا ئۆي سېلىپ نامرات ئائىلىلەرنى سەھرا ئارامگاھى، ئاۋۇل ئارامگاھى تىجارىتى بىلەن ھەقسىز شۇغۇللىنىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى، ئات ھارۋىسى، تۆگە مىنىش قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرىنى كىرگۈزدى.

چازىخۇ كەنتىدىكى دۆلەتخان بايدان باركۆل كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ تازىلىق ئىشچىسى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئايدا سىرتقا چىقماي تۇرۇپلا 1000 يۈەن تاپىمەن، يەنە ئۆيدىكى چوڭلار،بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن. كۆڭلۈم خاتىرجەم.

ئىلگىرى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان مەۋلۇت ھەسەنشارىپ ئەر-خوتۇن قايتىپ كېلىپ سەھرا مېھمانخانىسى ئاچتى، كۈندۈزى ئاشخانا، كېچىسى ياتاق قىلدى. مەۋلۇت ھەسەنشارىپ مۇنداق دېدى: يازلىق كىرىمىمىز ئىككىمىزنىڭ ئىشلەپ تاپقان بىر يىللىق كىرىمىدىن يەنە 10 مىڭ يۈەن كۆپ.

سېرىق ماي، قېتىق، قۇرۇت، كەشتە تىكىش قاتارلىقلارنىڭ سېتىش يولى بار بولدى، باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، 2016ـ يىلى قۇرتنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 40 يۈەندىن ھازىرقى 90 يۈەنگە ئۆرلىدى. نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى بىردىنلا «خوجايىن»لارغا ئايلاندى، ئۇلار ساياھەت، يېمەك- ئىچمەك، ئۆرپ _ ئادەت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ، كىرىمىنى كۆپەيتىپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇردى.