ئۈرۈمچىدە 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ باھاسى ئۆستى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-08-08 10:16

ماي باھاسى بۈگۈن يىل ئىچىدىكى 9-قېتىملىق ئۆرلەش مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىپ، ئۈرۈمچىدە 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 0.06 يۈەن ئۆسىدۇ.

8-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى ئۇقتۇرۇش تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى بېنزىن، دېزىل مېيىنىڭ ھەر توننىنىڭ باھاسى 70 يۈەن ئۆسىدىكەن. بۇ دۆلەت ئىچىدە تەييار ماي باھاسىنىڭ يىل ئىچىدە 9-قېتىم ئۆسۈشى ھېسابلىنىدىكەن.

مۇخبىرنىڭ جۇڭگو نېفىتلىكى ۋە جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى ئىككى كارخانىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تەييار ماي سېتىش شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم باھا تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى رايونىدا 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 7.17 يۈەندىن 7.23 يۈەنگە؛ 95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 7.71 يۈەندىن 7.77 يۈەنگە؛ 98-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 8.66 يۈەندىن 8.73 يۈەنگە تەڭشىلىدىكەن. شۇنىڭدەك 0-نومۇرلۇق دېزىل مېيىنىڭ ھەر لېتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 6.83 يۈەندىن 6.89 يۈەنگە تەڭشىلىدىكەن.