مىللىي رايونلاردىكى چوڭ قۇرۇلۇشلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت ياراتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-08-08 17:24

«غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى- ئېلىمىزنىڭ غەربى رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى. ئۇ شىنجاڭ تارىم نېفىتلىكىنى ئاساسلىق گاز مەنبەيى قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا شەرقىدىكى چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى رايونىنى نىشان قىلغان ئىستېمال بازىرى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 4200مېتىر كېلىدۇ. مەلۇماتقا قارىغاندا، 26-ئىيۇنغىچە، تارىم نېفىتلىكى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشنى جەمئىي 210مىليارد 400مىليون كۇب مېتىر گاز بىلەن تەمىنلىگەن. «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى ئېلىمىزنىڭ شەرقىي رايونىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن يەنە غەربىي رايونغىمۇ ئىقتىسادى پايدا ئېلىپ كېلىپ، غەربىي رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش گاز يېغىش پونكىتىنىڭ باشلىقى لى لېلې مۇنداق دېدى: تەبىئىي گاز ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى زۆرۈر لازىمەتلىك ۋە خىمىيە سانائىتى خام ئەشياسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە ناھايىتى زور رول ئوينىدى. بىز يەنە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى گاز بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە يەتتە مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيمىز. بۇ ئەتراپتىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى كۆرۈنەرلىك ھېس قىلدۇق، بۇ تەرەپتىكى كارخانىلارمۇ تەبىئىي گازغا بەكلا تايىنىدۇ.

شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىدىن كېيىن، ئېلىمىز «12-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە يەنە «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. قۇمۇلنىڭ جەنۇبىدىن جىڭجۇغىچە بولغان ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك قۇرۇلۇشى « شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى تۇنجى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۈر شۇنداقلا غەربىي شىمال ئېلېكتىر تورىدىكى تۇنجى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۈر قۇرۇلۇشى. لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2210 كىلومېتىر بولۇپ، غەربىي چېگرا رايونىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان «ئېلېكتىر يىپەك يولى»غا ئايلىنىپ، « توكنى پۈتۈن جۇڭگوغا يەتكۈزۈش» يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادى ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» يولى ئەتراپىدىكى ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى مۇھىم ئېنېرگىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلدى، قۇمۇل شەھەرلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى جيەنيۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ لىنىيەنىڭ پۇتىشى خېنەن ئۆلكىسىگە 23مىليون توننا كۆمۈر يەتكۈزۈپ بەرگەنگە ، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ 40 مىليون توننا كاربون تۆت ئوكسىد، 330مىڭ توننا گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىدنى ئاز قويۇپ بەرگىنىگە تەڭ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇمۇل شەھىرىنىڭ بىناكارلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، تىرانسپورت، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى، ئېلىپ كەلگەن بىۋاسىتە مەبلىغى 110مىليون يۈەنگە يەتتى.