«ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئاساسىي قاتلاملارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى يولىنى يورۇتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-08-08 17:26

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقتۇ ناھىيەسى قىزىلتاغ يېزىسىدا تاركېچىك دەپ ئاتىلىدىغان كەنت بار بولۇپ، بۇ كەنت كوئېنلون تېغىنىڭ شەرقىي باغرىغا جايلاشقان.

بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، ئاجىز، بوشاڭ پارتىيە تەشكىلاتى دەپ بېكىتىلگەن تاركېچىك كەنتىدە ئاران 43 پارتىيە ئەزاسى بار ئىدى، بۇ كەنتتىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %4نى ئىگىلەيتتى. نۇرغۇن كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ئەزاسى ياشقا چوڭ بولۇپ، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ئەمەس، دۆلەت ئورتاق تىلىنى پىششىق بىلمەيتتى، بۇلارنىڭ ئاممىنى باشلاپ مېڭىشىدىن گەپ ئاچقىلى بولمايتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەتراپلىق ئويلىشىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 13 كەنت پارتىيە گۇرۇپپىسى تەشكىللىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ پۈتۈن كەنتتىكى 273 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ ھەممىسىنى تورلاشتۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

چوڭ رامكا پۈتكەندىن كېيىن كۈچلۈك باشلامچىغا موھتاج بولغاندا، مەدەنىيەت سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى، خەنزۇچىنى راۋان سۆزلەيدىغان ئىسمايىلجان زۇنۇن يېڭى نۆۋەتلىك پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شاۋخۇي ئۇنىڭ ئالاقىلەشكۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنى تەربىيەلىدى.

2017-يىلى، خىزمەت ئەترىتى لايىھە شىركىتى تەكلىپ قىلىپ، كەنت ئۈچۈن يېزا كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش پىلانى تۈزۈپ بەردى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى پىلاننى تەتقىق قىلىش، تەدبىر بەلگىلەشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، تۇرمۇش، ئىش بېجىرىش رايونى ئايرىلغان تەرەققىيات قېلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نۆۋەتتە، تاركېچىك كەنتىنىڭ سودا رايونى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. دېھقان پارتىيە ئەزاسى گۆھەرخان خالىبەگ سودا رايونىغا ئالدى بىلەن كىرىپ، بىر تاللا بازىرىنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى، كەنت رىقابەتلىشىپ ئىجارىگە ئېلىش ئۇسۇلى بويىچە دۇكاننى ئۇنىڭغا ئىجارىگە بەردى، باشقا ھەقنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈم قىلدى، ئىجارە ھەققىنىڭ ھەممىسىنىڭ كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىغا كىرگۈزدى، ھازىر بۇ تاللا بازىرىنىڭ كۈنلۈك سودا سوممىسى 400 يۈەن ئەتراپىدا. گۆھەرخان مۇنداق دەيدۇ: پارتىيە تەشكىلاتى كەنت ئىشلىرىغا تۆھپە قوشتى، مەن پارتىيە ئەزا بولۇش سۈپىتىم بىلەن تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدۇم، ھازىرقى ۋەزىپەم تاللا بازىرىنىڭ تىجارىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، كۆپچىلىككە ئۈلگە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى تاغدىن كۆچۈرۈپ چىقىرىپ، باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش.

ۋاڭ شاۋخۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر ئاجىز، بوشاڭ پارتىيە تەشكىلاتى دېگەن قالپاق چۆرۈپ تاشلاندى، پۈتۈن كەنتتە 55 كەنت ئاھالىسى پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى تاپشۇردى، خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى 17 مۇنەۋۋەر كەنت ئاھالىسىنى تاللاپ، پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرى قىلدى، ئۆتكەن يىلى 4 پارتىيە ئەزاسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان، بۇ يىل ئالتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىغا يېڭى قان قوشۇشنى پىلانلىدۇق.