«ساياھەت+ تەنتەربىيە» يۇغۇرۇلما ئەندىزىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، سايرام كۆلى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-09 16:59

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

باش كۈز پەسلىدە، شىنجاڭدىكى سايرام كۆلىدە سۇ بىلەن ئاسمان رەڭگى ئوخشاش بولۇپ، سۇ سۇپسۈزۈك ئىدى. «ساياھەت + تەنتەربىيە» يۇغۇرۇلما ئەندىزىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى، سايرامنىڭ دالا ساياھەتچىلىكىنىڭ داڭقى چىقماقتا.

بېيجىڭدىن كەلگەن دۇ گۇاڭرېن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈرۈمچىدىن ماشىنا ئىجارە ئېلىپ، ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ سايرام كۆلىگە كەلدى. دۇ گۇاڭرېن مۇنداق دېدى: تۆۋەن ئېگىزلىكتە ئۇچۇش ئەھۋالىنى ئىلگىرى تېلېۋىزوردىلا كۆرەتتۇق، بۇ يەردە بۇنى ھېس قىلىشىمىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىمىز. 300 مېتىر ئېگىزلىكنى ھېس قىلىپ باققان دادا-بالا بۇنىڭدىن ناھايىتى ھۇزۇرلاندى، ئېگىزلىكتىن كۆل، ئورمانلىقنى كۆرۈش ئۇلارنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى.

سايرام كۆلى دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق مەنزىرە رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن قەدىمدىن تارتىپ «پاكىز كۆل» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن، شىنجاڭدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز، كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئېگىزلىك كۆلى بولۇپ، گۈزەل مەنزىرىسى بىلەن دالا تەنھەرىكىتى كىشىلەرنى مەپتۇن قىلماقتا. ئالدىنقى ئايدا، ئۇدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقىلى 11 نۆۋەت بولغان سايرام كۆلىنى ئايلىنىش ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئىلگىرى دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بېرىپ مۇسابىقىگە قاتناشقان ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش ماھىرى سۈن يىڭجىي يېقىنقى مەزگىلدە 2-نۆۋەتلىك سايرام كۆلى يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە كەلگەن بولۇپ، كېلىپلا بۇ يەرگە مەپتۇن بولۇپ قالدى. ئۇ: نۇرغۇن يەرلەر ئىسسىقلىقىدىن خۇددى جىمبىلغا ئوخشايدۇ، بۇ يەرنىڭ بۇنداق سالقىن، راھەتلىكىنى ئويلاپ باقماپتىمەن، دېدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ يەردىكى بىر قەدەر ئېگىز بولغان دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ۋە كىلىماتى ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش تەنھەرىكەتچىلىرىگە ناھايىتى ماس كېلىدىكەن.

دېڭىز يۈزىدىن 2073 مېتىر ئېگىز بولغان، كۆلىمى 458 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ كۆل شۇ يەردىكى ئومۇمىي خەلق دائىم بەدەن چېنىقتۇرىدىغان جايغا ئايلاندى. پېنسىيەگە چىققىلى ئىككى يىل بولغان لۈ يۈجۇڭ 80 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بورتالا شەھەر رايونىدا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ كۆپ قېتىم دوستلىرى بىلەن ئۆمەك تەشكىللەپ ئۇزۇنغا يۈگۈرۈپ بۇ يەرگە كەلگەن. ئۇ: بۇنداق گۈزەل جايدا يۈگۈرگەنلىكىمىز ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ قىزغىنلىقىمۇ يۇقىرى، دېدى.

سايرام كۆلى شىنجاڭ ساياھىتىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك مەنزىرە نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرغىچە 880مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34 ئاشتى. 70 نەچچە كىلومېتىرلىق ئايلانما كۆلنى كۆكەرتىشنىڭ تاماملىنىشى، 40 رايونلار ئارا ئاپتوبۇسنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، مەنزىرە رايوننىڭ ساياھەت ئەسلىھەلىرى ئاساسى جەھەتتىن تولۇقلىنىپ، تۈرلۈك تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس-تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.