شىنجاڭنىڭ خوتەندە 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان مائارىپقا ياردەم بەرگۈچى ئوقۇتقۇچى قۇملۇقنىڭ كىندىكىدە بالىلارغا ئۈمىد ئاتا قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-11 15:51

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

بۇ يىل 26 ياشلىق جوۋ پىڭخۇا شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى دەريابويى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، ئۇ نۇرغۇنلىغان 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارغا ئوخشاش، «ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىش» غايىسى بىلەن ئۆتكەن يىلى خۇنەندىكى يۇرتىدىن مىڭ چاقىرىم يولنى بېسىپ خوتەنگە كېلىپ، ئۆزىنىڭ چېگرا رايوندا مائارىپقا ياردەم بېرىش تۇرمۇشىنى باشلىدى.

«ھالاكەت دېڭىزى» دەپ ئاتىلىدىغان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ مەركىزىگە 240 كىلومېتىر كېلىدىغان دەريابويى يېزىسى «تەكلىماكاننىڭ كىندىكى» دەپ ئاتالغان، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ يېتىم جايلارنىڭ بىرى دەپ قارالغان. دەريابويى يېزىسىدىكى 2600 نەچچە كىۋادرات كىلومېتىرلىق دائىرىدە ئاران 1400 دىن ئارتۇق چارۋىچى تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كەلگەن جوۋ پىڭخۇا مۇنداق دەيدۇ: «كىلىمات، قاتناش، خەۋەرلىشىش» بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە. قەھرىتان سوغۇق، قۇم بوران، تومۇز ئىسسىق ھاۋا رايىنى باشتىن كەچۈرۈپ، پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان مۇھىتقا ئاستا ئاستا ماسلاشتۇق.

جوۋ پىڭخۇا ئاساسلىق 1- يىللىقتىكى 20 ئوقۇغۇچىغا دەرس بېرىشكە مەسئۇل بولۇپ، پىرويېكسىيە قاتارلىق ئوقۇتۇش ئەسۋابى يوق بولغاچقا، ئۇنىڭ كۆك چىش ياڭراتقۇسى، دەپتەر كومپيۇتېرى بالىلارنىڭ تاشقى دۇنيانى چۈشىنىشىدىكى كۆزنەككە ئايلاندى. يېزىدا تور بولمىغاچقا، ھەر ئايدا ئۇ ناھىيە بازىرىغا بېرىپ توردىن پايدىلىنىپ، بالىلارغا ئەڭ يېڭى دەرسلىكلەرنى چۈشۈرۈپ كېلەتتى.

جوۋ پىڭخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ناھىيە بازىرىدىن 90 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان مەكتەپ كېلەر يىلى پۈتىدۇ، شۇ چاغدا بارلىق ئوقۇغۇچى ئەسۋاب تولۇق بولغان يېڭى سىنىپلاردا دەرس ئاڭلايدۇ، مەكتەپتىكى 47 ئوقۇغۇچىنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. جوۋ پىڭخۇا ۋە شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلار «ھالاكەت دېڭىزى»نىڭ كىندىكىدە بالىلارغا ئۈمىد ئاتا قىلماقتا.