شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان تۇنجى يۇقىرى ئەقلى ئىقتىدارلىق پاختا تىرىش ماشىنىسى بازارغا سېلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-11 18:28

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

تىنماي ئالتە قۇر پاختىنى تەرگىلى بولىدۇ يەنە كېلىپ تىرىش نىسبىتى%93 دىن ئاشىدۇ. شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئېغىرلىقى 24 توننا كېلىدىغان يۇقىرى ئەقلى ئىقتىدارلىق ئالتە قۇر پاختىنى تەرگىلى بولىدىغان بۇ پاختا تىرىش ماشىنىسى يېقىندا ئۈرۈمچى ئىقتىسادى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائەت شىنجاڭ شىركىتىدە رەسمىي بازارغا سېلىندى. بۇ چەتئەل ماركىلىرىنىڭ بۇ ساھەدىكى جابدۇق تېخنىكىسىنى نەچچە ئون يىل مونوپول قىلىۋېلىشى ئاياغلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇ ماشىنىنىڭ كارامىتى زادى قانچىلىك ؟ بۇ تۈرنىڭ تەتقىقاتىغا مەسئۇل تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائەت يۇقىرى تېخنىكا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ رۇچۈەن مۇنداق دېدى: ئادەتتە بىر مو يەردىن 300 كىلوگىرامدىن 350 كىلوگىرامغىچە پاختا ئالغىلى بولىدۇ، ئادەتتە پىشقان ئىشچى ھەر كۈنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 80 كىلوگىرام پاختا تېرەلەيدۇ، لېكىن ئالتە قۇر پاختا تېرەلەيدىغان بۇ ماشىنا بىلەن تەخمىنەن 400 مو يەردىكى پاختىنى تەرگىلى بولىدۇ، دېمەك بۇ ماشىنىنىڭ پاختا تىرىش ئىقتىدارى 1200 پاختا تەرگۈچى ئىشچىنىڭ ئىش ئۈنۈمىگە تەڭ كېلىدۇ.