«كۆچۈش يولى» ناملىق شىنجاڭدىكى تۇنجى، چوڭ ئېكرانلىق كىنونى تۇنجى قويۇش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-14 17:40

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

«كۆچۈش يولى» ناملىق شىنجاڭدىكى تۇنجى، چوڭ ئېكرانلىق كىنونى تۇنجى قويۇش مۇراسىمى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ فىلىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ئىشىك ئېچىۋېتىلگەنلىكىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئىشلىگەن ئاساسىي مېلودىيەلىك فىلىم.

بۇ فىلىمدە جۇڭگودىكى قازاق چارۋىچىلارنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تۆت پەسىلدە كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىپ، سۇ ۋە ئوت قوغلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكى، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدا يېپ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىدەك ھېكايە سۆزلەنگەن، فىلىمدە كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى ۋە مول مەزمۇنى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، كۆرۈرمەنلەر بۇ فىلىم ئارقىلىق كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئالغا ئىلگىرىلەش روھى قىياپىتىنى كۆرەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگودىكى قازاق مىللىتىنىڭ جۇڭخۇا ئېلىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيىتىدە بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن چوڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە پارتىيەنىڭ پارلاق نۇرى ۋە ۋەتەننىڭ ئىللىق باغرىدا پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرگە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتەك دەۋر ئاساسى مېلودىيەسى نۇقتىلىق تەسۋىرلەنگەن.

تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسىنىڭ باشلىقى گاۋ خۇاڭگاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، خەلقىنى مەركەز قىلىشتەك ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشاننى مەركەز قىلىپ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈشىمىز ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك، قولىمىزدىكى كىنو كامېرا بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئېسىل ئەسەرلەرنى يارىتىشقا تىرىشىمىز، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش بىلەن بىرگە جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى ۋە جۇڭگو كۈچىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۇلۇغ يېڭى دەۋرنى خاتىرىلەيمىز، مەدھىيەلەيمىز.