نامرات ئائىلىلەر قۇملۇقتىن چىقىپ، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈرۈلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-14 18:36

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسى 3-كەنتىنىڭ ئاھالىسى مەتسەيدى ئىبراھىم تومۇز ئىسسىققا قارىماي ئۆي بىساتلىرىنى ماشىنىغا بېسىۋاتاتتى، ئۇ 33 يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن بۇ كەنت بىلەن خوشلىشىپ، قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىن چىقىپ، 90 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كېرىدۇ.

دەريابويى يېزىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ مەركىزىگە تەخمىنەن 240 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، «تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكى» دەپ ئاتالغان. بۇ يەرنىڭ تەبىئىي شارائىتى جاپالىق، قاتناش، خەۋەرلىشىش قولايسىز. دەريابويى يېزىسى 2020-يىلغىچە نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ۋە نامراتلارنى يۆلەش،كۆچۈرۈش تۈرى ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى تۈركۈملەپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈرىدۇ.

دەريابويى يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى جا سۈنپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر 100دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى چارۋىچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش تۈرى نۇقتىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ يىل 8-ئاينىڭ بېشىدا، نامراتلارنى يۆلەش، كۆچۈرۈش تۈرى رەسمىي باشلاندى، تۇنجى تۈركۈمدە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا بېجىرىلگەن 102 نامرات ئائىلە ئارقا-ئارقىدىن قۇملۇقنىڭ مەركىزىدىن چىقىپ، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ باردى.

تونۇش تۇرمۇش مۇھىتىدىن ئايرىلىشقا قىيالمىغان مەتسەيدى ئىبراھىم ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى يېڭى مۇھىتنى ئويلىسىلا ئۈمىدلىنىپ كېتەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا خەۋەرلىشىش، سۇ، توك قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر تېخىمۇ مۇكەممەل، بىز يىپيېڭى خەلقنى بېيىتىپ خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۆيىدە بىر پۇڭمۇ خەجلىمەي ئولتۇرالايمىز، ناھىيە بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز تېخىمۇ يېقىنلاشتى، سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىمىز تېخىمۇ قولايلاشتى.

تونۇشتۇرۇشقا قارىغاندا، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، يەسلى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇپ بولغان ھەمدە كېلەر يىلى باشلانغۇچ مەكتەپ، شىپاخانا قاتارلىق ئاساسى ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇپ بولىدىكەن. كۆچۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش شارائىتىمۇ زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدىكەن، ھازىرقى يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن كېرىيە ناھىيە بازىرىغا بارىدىغان ماشىنا مۇساپىسى سەككىز سائەتتىن بىر يېرىم سائەتكە قىسقىرايدىكەن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىشىغا قولايلىق يارىتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگىمۇ قولايلىق يارىتىلىدىكەن.