ئومۇمىي ساھەدىكى ساياھەت ئارقىلىق ئۈرۈمچىنىڭ ساياھەت يېڭى قېلىپىنى يارىتايلى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-10-10 17:54

زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولغان ساياھەتچىلىك شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئىستىقبالى بار مۇھىم تۈۋرۈك كەسىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ئومۇميۈزلۈك ساياھەتنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە ھەرقايسى ساياھەت كارخانىلىرى بۇنىڭغا پائال قاتنىشىپ، ساياھەت تۈرلىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، تۈرلۈك ساھەدىكى ساياھەت تەرەققىيات قېلىپىنى بەرپا قىلىپ ساياھەتچىلەرگە يېڭى ساياھەت تاللىشى ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كەلدى.

بۇ يىل يىپەك يولى خەلقئارا ئارام ئېلىش رايونى يېڭىدىن يولغا قويغان ئورماننى كېسىپ ئۆتۈش ئىككىنچى قارار تۈرى ياشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، بۇ ساياھەت تۈرى يولغا قويۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ھەپتە ئاخىرىدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانى بىراقلا ئاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يىپەك يولى خەلقئارا ئارام ئېلىش رايونى يەنە تەڭرىتاغ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا بىرلىشىپ ئومۇمىي ساھەلىك ساياھەتنى يولغا قويۇشنى پىلانلىدى.

بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى ئومۇميۈزلۈك ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش شەھىرى قۇرۇلۇشىنى پائال قانات يايدۇرىدۇ،«ئۈرۈمچى شەھىرى نەنشەن خەلقئارا ساياھەت رايونى ئومۇمىي پىلانى»نى تۈزۈش خىزمىتىنى باشلاپ، مىچۈەن كۆكتاغ رايونى، شۇيموگۇ رايونىنىڭ قىسمەن جايلىرىنى نەنشەن ساياھەت رايونىغا كىرگۈزۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ بارلىق رايونلىرىنىڭ ساياھەت يېڭى قېلىپىنى يارىتىدۇ.