كۆكتوقاي دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى رەسمىي ئىچىۋېتىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-10-11 17:22

شىنجاڭ كۆكتوقاي دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى رەسمىي ئىچىۋېتىلدى. باغچە ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىغا، ئىرتىش دەرياسىنىڭ مەنبىيىگە جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 2337.9 كىۋادرات كىلومېتىر، شىنجاڭدىكى تۇنجى دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى.

كۆكتوقاي دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى ئىرتىش جىلغىسى، 3-كان، سايخىن بۇلاق، كۆكسۇ شۇنداقلا قاراسېنگىردىن ئىبارەت بەش چوڭ مەنزىرە رايونىدىن تەشكىللەنگەن، جىلغا دەريا مەنبەيى، سازلىق نەم يەر،سوغۇق قۇتۇپ كۆلى قاتارلىق كۆپ خىل تەبىئىي مەنزىرىگە ئىگە. كۆكتوقاي ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، 2005-يىلى ۋە 2012-يىلى دۆلەتلىك گېئولوگىيە باغچىسى، دۆلەتلىك بەش ئا دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولغان. ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى كۆكتوقاي گېئولوگىيە باغچىسىنى دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى تورى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەستىقلىدى.