ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 200 ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى 11-ئاينىڭ ئاخىرى تاماملىنىدۇ
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-11-08 13:35

 

سوغۇق ۋە ئىسسىق سۈيى بار، يەنە تېخى پۇراق يوقىتىش قۇرۇلمىسىمۇ بار... ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 200 ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى 11-ئاينىڭ ئاخىرى تاماملىنىپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، شەھەر ئاممىسىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ.

11-ئاينىڭ 6-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى(مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى «ھاجەتخانا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى»نى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى ئون چوڭ ئەمەلىي ئىش قاتارىغا كىرگۈزۈپ، كىشىلەر ئېقىمى زىچ رايونلاردىكى 200 ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ ۋە بىر تۈركۈم ۋەكىل خاراكتېرلىك ئۈلگە ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنى بەرپا قىلىپ، پاكىز، رەتلىك بولغان ھاجەتخانا مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى.