ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز سوممىسى تەڭشەلدى
مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-12-05 17:19

11-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدە ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى نورمال تاپشۇرۇلىدىغانلارنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرزىنى ئىلتىماس قىلىش ئەڭ يۇقىرى سوممىسى ئەسلىدىكى 700 مىڭ يۈەندىن 1 مىليون يۈەنگە تەڭشەلدى.

11-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى «ئۈرۈمچى تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرزى سىياسىتىنى تەڭشەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلىپ، تەڭشەلگەندىن كېيىنكى قەرز پۇل سوممىسىنىڭ 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بېكىتتى.

ئۇقتۇرۇش مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئەڭ يۇقىرى قەرز سوممىسى تەڭشىلىشتىن باشقا، ئۈرۈمچى تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى قەرز كېپىللىكى ئۇسۇلىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن ھەمدە بىرىكمە قەرزنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسلەر تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرزىنى ئىلتىماس قىلىپ بېجىرىشىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىپ، قەرز بېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سېتىۋېلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىكەن.