بۈگۈر ناھىيەسى ئاق ئۆرۈك ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشقا تۈرتكە بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-12-06 17:07

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي يانباغرىغا، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك-ئورمانچىلىق رايونى. بۈگۈر دېھقانلىرىنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا ئاق ئۆرۈك ئۆستۈرۈش ئەنئەنىسى بار، لېكىن ئاق ئۆرۈك كەسپى ئۇزۇن مۇددەت يىرىك باشقۇرۇش باسقۇچىدا تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، مەھسۇلات ۋە سېتىش مىقدارى ئىنتايىن چەكلىك ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۈگۈر ناھىيەسى كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودىگەرلىرىنى جەلپ قىلدى، بۈگۈردىكى كەنت ئاھالىلىرى ئاق ئۆرۈككە تايىنىپ، بەختلىك تۇرمۇش ئارزۇسىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرماقتا.

بۇ يىل 5-ئايدا پۈتكەن ياڭشيا قۇرۇق، يېڭى مېۋە بازىرىنىڭ كۆلىمى 1500 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، يېڭى مېۋە رايونى، قۇرۇق مېۋە رايونى، قۇرۇتۇش رايونىغا ئايرىلىدۇ. قۇرۇق، يېڭى مېۋە بازىرىنىڭ پۈتۈشى-كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بۈگۈر ئاق ئۆرۈكىنى ئۈزۈش، قاچىلاش، توشۇش، سېتىشنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىغا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولدى شۇنداقلا نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىلدى.

بۈگۈر ئاق ئۆرۈكى يەرلىك ئاھالىلەر تەرىپىدىن ئاق كىشمىش ئۈرۈك دەپ ئاتىلىدۇ. «ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى»دە خاتىرىلىنىشىچە، بۈگۈر ئاق ئۆرۈكىنىڭ مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئۆستۈرۈلۈش تارىخى بار ئىكەن. نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيەنىڭ ئاق ئۆرۈك ئومۇمىي كۆلىمى 54 مىڭ موغا، مېۋە بېرىش كۆلىمى 34 مىڭ موغا يېتىدۇ، بۇ يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 25 مىڭ توننىغا يەتتى، شىنجاڭ ۋە شىنجاڭدىن باشقا جايلارغا سېتىلغان يېڭى ئۆرۈك ئومۇمىي مەھسۇلاتى توققۇز مىڭ توننىغا يېقىنلاشتى.

بۈگۈر ناھىيەلىك خاۋشياڭ ئۆرۈكچىلىك دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ئىككى مىڭ مودىن ئارتۇق جاغدا ئۆرۈكلىكى بار، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 700 توننىغا يېتىدۇ. بۇ كوپىراتىپنىڭ كېڭەش باشلىقى سۇڭ جۈندۇڭ مۇنداق دېدى: بىز تۆت يىل بۇرۇنلا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەندىزىسى ئارقىلىق ئاق ئۆرۈكنى سېتىشنى باشلىغان، نۆۋەتتە، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى ئارقىلىق 190 توننىنى سېتىپ بولدۇق، ھەممىسىنى ئىچكى جايلارغا ساتتۇق.

ئىگىلىنىشىچە، 60 چە ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسى بۈگۈر ناھىيەسىدە ئاق ئۆرۈك تىجارىتى قىلىپ، ئاساسلىقى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، ۋۇخەن، شېنجېن قاتارلىق ئىچكى جايلاردىكى شەھەرلەرگە ساتقان. بۈگۈر ئاق ئۆرۈكىنى قولاي ئاۋىياتسىيە قاتنىشىغا تايىنىپ، 48 سائەت ئىچىدە ئۆرۈكلۈكتىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەردىكى ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزگىلى بولىدىكەن.