12 دۆلەتنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى شىنجاڭنى زىيارەت قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-01-09 10:37

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، ھىندىستان، پاكىستان، ھېندونىزىيە، مالايشىيا، ئافغانىستان، تايلاند، كۇۋەيتتىن ئىبارەت 12 دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە ئەلچىلەر ۋەكىللىرى2018-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە شىنجاڭنى زىيارەت قىلدى. ئەلچىلەر بازار ئارىلاپ، مەسچىتلەرگە كىرىپ، قەدىمىي شەھەرلەرنى ساياھەت قىلىپ، دېھقانلار ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن يۈز-تۇرانە پىكىر ئالماشتۇردى، كەسپىي ماھارەت بۇيىچە تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش مەركىزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن نەق مەيداندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى ھەمدە شىنجاڭ بىلەن مەدەنىيەت، ساياھەت ۋە ئىقتىساد-سودا قاتارلىق ساھەلەردە چوڭقۇر ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تايلاندنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلىيا جىنفىڭ قەشقەر ئىقتىسادى تەرەققىيات رايونى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىكى ماگېزىنلاردا ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارنىڭ سېتىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى قەشقەرنىڭ تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم، قەشقەر ناھايىتى ياخشى جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە. مەن يەنە بىر قانچە يىلدا قەشقەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدىغىنىغا ئىشىنىمەن.
مالايشىيانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى مۇھەممەد ھۈسەينى شاشلەن قەشقەر ھېيتگاھ جاماسىگە كىرگەندە مۇنداق دېدى: داڭلىق ھېيتگاھ جاماسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، دىنى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يېتەرلىك سورۇنى ۋە پۇرسىتىنىڭ بارلىقى، باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش دىنى پائالىيەتنىڭ بۇ يەردە دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق شىنجاڭنى قايتىدىن تونۇدۇم.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغان ئافغانىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسى سەيىد ھەبىبۇللامەن قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ ھەيران بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭدا بىكار يۈرىدىغان كىشىلەرنى ھەممە يەردە كۆرگىلى بولاتتى، ھازىر كىشىلەر ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىش بىلەن ئالدىراشكەن، بۇ ناھايىتى ياخشى ئەھۋال. مەن بىر قىسىم غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىنى كۆرگەن ئىدىم، مېنىڭچە بۇ خەۋەرلەر پۈتۈنلەي ئەكسىچە ئىكەن، ھەر بىر دۆلەت «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھەل قىلىش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە، شىنجاڭدا ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پايدىلىق سىناقنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۈگىنىشى ۋە ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.