شىنجاڭ ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست ساياھەت چوڭ ئايلانما لىنىيەسىگە كىردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-01-09 16:32

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى: 

ھازىر گاۋدې خەرىتىسى APP ئېچىپ، ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست چوڭ ئايلانما لىنىيەسىنى ئىزدىگەندە يانفون بىلەن ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست بېتىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى شىمالىي بۆلەكنىڭ غەربىي بۆلىكىدىكى يىپەك يولى مەدەنىيىتىگە دائىر كىلاسسىك لىنىيە، جەنۇبىي بۆلىكىدىكى چېگرا يۇقىرى چېكى ئېكسپېدىتسىيە لېنىيەسى شىنجاڭدىن ئۆتىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنى مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئېلان قىلىنغان 11 مىڭ كىلومېتىرغا سوزۇلغان بۇ ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست ساياھەت چوڭ ئايلانما لىنىيەسى ئىچىدىكى شىنجاڭ بۆلىكى مۇھىم تەركىبىي قىسمغا ئايلانغان.

ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست ساياھەت ئايلانما لىنىيەسى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى (چىڭخەي، سىچۇەن، يۇننەن، گەنسۇ) دىن ئىبارەت تۆت ئۆلكىدىكى زاڭزۇلار رايونى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست؛ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ لياڭشەن ئوبلاستى؛ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ نۇجياڭ ئوبلاستى؛ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لىنشيا ئوبلاستىدىكى ساياھەت ئايلانما لىنىيەسىنى كۆرسىتىدىكەن.

ھازىر ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاستنىڭ ساياھەت ئايلانما لىنىيەسى يولىغا جايلاشقان ئۆلكىلەر بىرلىكتە تەشۋىق قىلىش ئومۇملاشتۇرۇش ئىتتىپاقى قۇرۇپ، بۇ ساياھەت ئايلانما لىنىيەسىنى بىرلىكتە تەشۋىق قىلدى، تونۇشتۇردى، ئاچتى. جەنۇبىي شىنجاڭنى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ئىچكى جايلاردىكى ساياھەتچىلىك جەمئىيەتلىرى، كارخانىلىرىنى كۈچلۈك قىزىقتۇردى؛ جۇڭگو ساياھەت قاتناش ۋاسىتىلىرى جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەتچىلىك جەمئىيىتى، 2019-يىلى 2-نۆۋەتلىك ئۆي ئاپتوموبىلىدىكى شىنجاڭ-مىڭ ئۆي ئاپتوموبىلى يىپەك يولى ساياھىتى پائالىيىتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېلىشىم ھاسىل قىلدى؛ جەنۇبىي شىنجاڭ پائالىيەتنىڭ نۇقتىلىق رايونى قىلىنىدۇ ھەمدە پائالىيەت داۋامىدا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش، سېتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلۇپ، ساياھەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش رولى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلىدۇ. ھازىر، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلار، جەمئىيەتلەر بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى.