شىنجاڭ ئۈچ ئەل خىزمەت ئەترىتى ئاساسىي قاتلامغا ياخشى مۇلازىمەت قىلماقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-01-11 16:35

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

2018-يىلىنىڭ ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەڭ كەتكەن دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە بەش يىل بولدى. نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاشنىڭ مۇھىم تەدبىرى سۈپىتىدە، بەش يىل ئىچىدە، جەمئىي 350 مىڭ ئادەم قېتىم كادىر كۈچ ئۇلاپ كەنتلەردە تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ بارلىق مەمۇرىي كەنتلىرى ۋە مەھەللىلىرىنى قاپلىدى.

زىمىستان قىش كۈنىدە، سەككىز ياشلىق شەرىپە ئابدۇمىجىت كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ قورۇسىغا ئۇچقاندەك يېتىپ كەلدى، بۈگۈن ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان زارىقىپ كۈتكەن خۇشاللىق كۈنى ئىدى، يەنى خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسى يارتۈگمەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 51 باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا قىشلىق كىيىم تارقىتىپ بەرمەكچى ئىدى. بىردەمدىن كېيىن، قورۇدىن كۈلكە ئاۋازلىرى ئاڭلاندى، بالىلار قاتار تىزىلىپ تۇردى، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئوبۇلھەسەن ئوبۇلقاسىم ئەزالارنى باشلاپ چوڭقۇر مېھىر بىلەن بالىلارنىڭ كونا قىشلىق چاپانلىرىنى سالدۇرۇپ، خىزمەت ئەترىتى سېتىۋالغان يېڭى مامۇق چاپانلارنى كىيگۈزدى. بۇ بالىلارنىڭ نۇرغۇنىنىڭ ئائىلىسى نامرات ئىدى، خىزمەت ئەترىتى ئالدىنئالا ئۇلارنىڭ بەدىنىنى ئۆلچىگەن، كىيىمنىڭ رەڭلىرىنىمۇ بالىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تاللىغان ئىدى.

ئائىلىسى نامرات زەينەپ توختىتۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا ئۇچرىغان چوڭ-كىچىك ئىشلار ھەققىدە دائىم خىزمەت ئەترىتى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ تۇرىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل خىزمەت ئەترىتى 1-شۇجى كۈتۈۋېلىش كۈنى تەسىس قىلدى، ھەر دۈشەنبە كۈنى كەنتنىڭ 1-شۇجىسى بىز بىلەن يۈزمۇ-يۈز پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇيۇڭلار بارمۇ، ئائىلىدە زىددىيەت پەيدا بولدىمۇ-يوق دەپ سورايدۇ، كۆپچىلىك كۆڭلىدە نېمە گەپ بولسا تارتىنماي دەيدۇ.

يوپۇرغا ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان، قۇرغاقچىلىق ئېغىر، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق يېتەرلىك بولغان ھاۋا رايى يەرلىكنىڭ ياڭيۇ تېرىشىغا ناھايىتى ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. بۇ يىل، جۇ خېشياڭ خىزمەت ئەترىتىگە باشلامچىلىق قىلىپ، كەنتنىڭ بۇرۇنقى بۇغداي، كېۋەز، چىلان تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ياڭيۇ تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇردى. يوپۇرغا بازىرىدىكى ئۈچ ئېغىر نامرات كەنت جەمئىي 524 مو يەرگە ياڭيۇ تېرىدى، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 1300 توننىدىن ئاشتى.

كۈزدە ياڭيۇدىن مول ھوسۇل ئېلىنغاندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتى توردا ياڭيۇنى تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرغاندىن باشقا، يەنە چوڭ ئوبوروت كارخانىلىرى بىلەن پائال ماسلىشىپ، تاللا بازارلىرى، توپ سېتىش بازارلىرى قاتارلىقلار بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرى تېرىغان ياڭيۇنى سېتىشىپ بېرىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ مو بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئۈچ مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر قايسى خىزمەت ئەترەتلىرى بىر قىسىم ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تېرىشىپ كۈچەيتىپ، كەنت ئىشلىرى تايانچلىرى، ياش پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدىن كەنت دەرىجىلىك زاپاس كادىرلارنى يېتىشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئەلنەپ سىياسىتىنى تيانشان تېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغىچە ئەمەلىيلەشتۈردى.

مەكىت ناھىيەسى قۇمقۇسار يېزىسى تۆۋەن خادىلىق كەنتىدىكى پارتىيە ئەزاسى نۇرمەمەت ئىبراھىم دۈشەنبە كۈنى دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىشقا قاتنىشىپ بولغاندىن كېيىن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەشكىللىشى ئارقىسىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈلگىسى خانگۈل ئەمەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تەجرىبە ئۆگەندى، ئۇ مەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىقلا، ئاندىن ئۆزۈمدىكى مەسىلىلەرنى بايقىدىم، ئۈلگىلىك ئائىلىدىن ياخشى ئۆگىنىپ، ئائىلە ئىگىلىكىمنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرىمەن دېدى.

بۇ يىل تۆۋەن خادىلىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىشىنى كۈچەيتىشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ئۆگىنىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كۆز قاراشنى يېڭىلاپ، ئىشەنچىسىنى چىڭىتىشىغا ياردەم بېرىپ، پارتىيە ياچېيكىسىنى باشتىن-ئاخىر تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى. كەنتتىكى 21 ئادەم پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى، پارتىيە ئەزاسىدىن ئۈچى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى زورىيىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقى كۈچەيدى.

يېزا-كەنتلەردىكى ساپاسى، ئىقتىدارى كۈچەيگەن پارتىيە ئەزالىرى نامرات ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى، تېخنىكا ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچكە تەدرىجىي ئايلاندى، كۆكتات تېرىش ماھىرى ئىمىن قۇۋان ۋە بىر نەچچە پارتىيەلىك كادىر تېخنىكا يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات تېرىشتىكى غەملىرىنى تۈگەتتى. 63 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئايىمگۈل ئايۇپ ئىپتىخارلانغان ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن 20 نەچچە يىل كەنت ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرى بولدۇم، ھازىر كىچىك ئوغلۇممۇ پارتىيەگە كىردى، كەنت كادىرى بولۇپ ئىشلەپ، داۋاملىق كۆپچىلىككە مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ.