شىنجاڭ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق باج كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇدى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-02-03 17:00

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق باج كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. شىنجاڭ دۆلەتنىڭ باج كېمەيتىش سىياسىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەڭ يۇقىرى دەرىجە بويىچە «دۆلەت ھوقۇق بەرگەن يەرلىكنىڭ باج كېمەيتىش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىپ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ سېلىقىنى يېنىكلىتىپ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ دۆلەت ھوقۇق بەرگەن يەرلىكنىڭ باج كېمەيتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش جەريانىدا، كىچىك كۆلەمدىكى كۆپەيمە قىممەت بېجى تاپشۇرغۇچىلاردىن بايلىق بېجى، شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجى، ئۆي-جاي بېجى، شەھەر-بازارلاردا يەر ئىشلىتىش بېجى، ئاكسىيە سودىسىدىن ئېلىنىدىغان ماركا بېجىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ماركا بېجى، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى ۋە مائارىپ خىراجىتى قوشۇمچىسى، يەرلىك مائارىپ خىراجىتى قوشۇمچىسىنى% 50لىك ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە كېمەيتىپ ئالىدۇ.

شىنجاڭ مالىيە نازارىتىنىڭ باش ئىقتىسادچىسى گۋويىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يەرلىكتە « ئالتە باج، ئىككى ھەققى»نى كېمەيتىپ ئېلىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايلىق سېتىش سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشمايدىغان كىچىك كۆلەمدىكى قوشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرغۇچىلاردىن قوشۇلما قىممەت بېجى ئالماسلىق شىنجاڭدىكى % 98 كىچىك كۆلەمدىكى قوشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرغۇچىلارغا نەپ يەتكۈزىدىكەن. گو يىڭ مۇنداق دېدى: بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىچىك كۆلەمدىكى قوشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرغۇچىلار يۇقىرىقى يەرلىك باج ۋە قوشۇمچە ئەسلىدىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ئاساسىدا، بۇ قېتىمقى شىنجاڭ بېكىتكەن % 50 باج سوممىسىنى كېمەيتىش ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن گىرەلەشكەن ھالدا بەھرىمەن بولالايدىكەن.