ساغلام شىنجاڭ قۇرۇش؛ ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن ئومۇمىي خەلق كاپالىتىگىچە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-02-11 16:12

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

بىر يىلدا بىر قېتىملىق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، بىر ۋاق ھەقسىز ناشتا،بالنىستا يېتىشتا ئالدى بىلەن كېسەل كۆرسىتىپ ئاندىن پۇل تۆلەشتىن بەھرىمەن بولۇش ــ مانا مۇشۇنداق ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان كىچىك كىچىك تەدبىرلەر ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇش مۇساپىسىدا ساغلاملىق جەھەتتىكى زور مەنپەئەتكە ئايلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا بەخت يارىتىدىغان زور خەلق تۇرمۇشى بولۇپ شەكىللەندى.

2018-يىلى شىنجاڭ ئۇدا ئۈچىنچى يىلى ئېلىپ بارغان ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتىدە تىبىركىلوس كېسىلىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىنى 65 ياشتىن ئاشقانلاردىن 15 ياشتىن ئاشقانلارغا كېڭەيتتى ھەمدە دىئابىت كېسىلى، يۇقۇرى قان بېسىم قاتارلىق سوزۇلما كېسەللىك بىمارلىرىغا ساغلاملىق جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ھەمدە مەسىلھەت بېرىش تۈرىنى يولغا قويدى، پۇقرالارنىڭ بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىئاگۇنۇز قويۇش، بالدۇر داۋالىتىشىنى ئشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش بىلەن بىرگە ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلامەتلىك تەكشۈرتۈشىنى ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى، ئاساسى قاتلام ئۈچۈن ھەقىقى مۇلازىمەت قىلدى.

2018-يىلى شىنجاڭدا جەمئىي 17مىليون 492مىڭ 300 كىشى ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشىگە قاتناشتى، بۇنىڭ ئۈچۈن 4مىليارد 68مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلدى.

ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدا ئاساسى قاتلامنىڭ داۋالاش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى يېزا بازارلىق شىپاخانىلار ۋە كەنت شپاخانىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ قۇرۇش نىسبىتى %89 دىن ئاشتى، ئاساسى قاتلامدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا سىفىرلاشقان رېنتىگىن فوتو ئاپپاراتى،ب تىپلىك ئۇلتىرا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتى، ئېلېكتىرو كاردىيوگرامما، ئاپتوماتىك بىئوخىمىيەلىك ئانالىز ئەسۋابى قاتارلىق تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى ئومۇميۈزلۈك سەپلەندى.

ئاممىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردىن بېرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ساغلاملىق جەھەتتىن نامراتلارنى يۆلەش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېرىلگەن نامرات نوپۇسنى شەھەر يېزا ئاھالىلىرى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى، ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ بىر تۈركۈمىنى مەركەزلىك داۋالاش، سوزۇلما كېسەللىك بىمارلىرىنىڭ بىر تۈركۈمى بىلەن مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش توختىمى تۈزۈش، بىر تۈركۈم ئېغىر كېسەللىكلەرگە تەلتۆكۈس كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساغلاملىق جەھەتتىن نامراتلارنى يۆلەشنى ھەر بىر ئادەم،ھەر بىر بىمارغىچە تولۇق، دەل ئەمەلىيلەشتۈردى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىياد، ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2018-يىلى ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدە 859مىڭ يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار ، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاممىۋىي سەھىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، جۇڭگو تىبابىتى دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق 69 تۈر قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرلۈپ، شىنجاڭنىڭ شەھەر يېزا داۋالىنىش سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشكەن.