ئۈرۈمچى يېڭى بىر نۆۋەتلىك كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-14 18:07

بۇ يىل ئۈرۈمچى كونا مەھەللىلەر ۋە كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، ئاشخانا ۋە ھاجەتخانىنىڭ سۇ ۋە پاسكىنا سۇ تۇربىلىرى، پار تۇربىسى ۋە قورۇنىڭ يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرىنى تۇنجى قېتىم ئۆزگەرتتى، 64 مىڭ ئۆينى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 36 مىڭدىن كۆپرەك ئۆينى ئۆزگەرتىدۇ، كونا قورولاردىكى 27 مىڭدىن كۆپرەك ئۆينىڭ ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. قۇرۇلۇشلار 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئارقا-ئارقىدىن باشلىنىدۇ.

بۇ يىل ئۈرۈمچىنىڭ كونا مەھەللىلەر ۋە كەپىلىك مەھەلىلىلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ئاساسلىق تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى، شىمگو رايونى، مىدۇڭ رايونى، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، يېڭى شەھەر رايونىغا تارقالغان.

2018-يىلى ئۈرۈمچى كونا مەھەللىلەر ۋە كەپىلىك مەھەلىلىلەرنى ئۆزگەرتىشكە 72 مىليارد 321 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى، ئۆزگەرتىش پىلانى بىلەن شەھەر مەمۇرىيىتى يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى بىرىكتۈرۈپ، 94 يولنى ئۆزگەرتتى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 83.34 كىلومېتىرغا يەتتى، شەھەر ئاھالىلىرىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى. 2019-يىلىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا، ئىلگىرىكى يىللاردىكى كەپىلىك مەھەللىلەر، شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىش، مۇھىت مەنزىرىسىنى بېزەش، قاتناشنى ياخشىلاش قاتارلىق تۈرلەر داۋاملىق يولغا قويۇلۇشتىن سىرت يەنە كونا قورولاردىكى ئۆيلەرنىڭ ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تۈرىمۇ يولغا قويۇلىدۇ، ئاھالىلەر ئۆيلىرىنىڭ ئاشخانا ۋە ھاجەتخانىلىرىدىكى سۇ ۋە پاسكىنا سۇ تۇربىلىرى، پار ئەسلىھەلىرى ۋە قورۇنىڭ يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى ئۆزگەرتىلىدۇ.

تەلەپ بويىچە، كونا مەھەللىلەر ۋە كەپىلىك مەھەلىلەرنى ئۆزگەرتىشتە ئۈچ يىللىق كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 2020-يىلىغىچە ھازىرقى كەپىلىك مەھەللىلەر، شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەر ۋە خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىدۇ.

كونا قورالاردىكى بىنالارغا لېفىت ئورنىتىش ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2019-يىللىق پىلانىدىكى شەھەر ئاھالىلىرى ئۈچۈن ھەقىقىي ئىش قىلىپ بېرىدىغان 10 تۈرنىڭ بىرى، دەسلەپكى تەييارلىق خىزمىتى 1-ئايدا باشلانغان بولۇپ، 4-ئايدا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ. ھۆكۈمەت بۇ خەلقكە ھەقىقىي ئىش قىلىپ بېرىش تۈرىنى باشلاشتىن ئىككى-ئۈچ يىل بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى 10دىن ئارتۇق كونا قورۇدىكى قىسمەن بىنالارغا «ئۆزى مەبلەغ توپلاش» ئۇسۇلى بىلەن 30 نەچچە لېفىت ئورنىتىپ بەرگەن.