شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىككى تور قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-25 19:06

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مېۋە-چىۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى داڭلىق ماركا ئەۋزەللىكى، رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، 2018-يىلى شىنجاڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ تەۋەسىدە سېتىۋېلىش ھەم شىنجاڭدىن باشقا جايلارغا سېتىشتىن ئىبارەت ئىككى تور قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، ئاساسلىق قوشۇن بولغان شىنجاڭ تەمىنات-سودا كوپىراتىپلىرى بىرلەشمىسى 2018-يىلى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق ئىككى مىليارد 40 مىليون يۈەنلىك سېتىش كىرىمى ياراتتى.

شىنجاڭنىڭ تاتلىق مېۋە-چىۋىلىرىنىڭ مەھسۇلاتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان داۋاملىق ئاشتى، 2018-يىلى توردا جەمئىي 30 مىڭ توننىدىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سېتىلدى. ئالاقە تورى سۇپىسى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى 2018-يىلى توردا تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئەلى بابا شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقان «شىنجاڭچە تەم» پائالىيىتى 15 ناھىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى بازارغا سېلىشقا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ بىلەن 50 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەھسۇلات بىۋاسىتە، 80 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەھسۇلات ۋاسىتىلىك سېتىلدى.

شىنجاڭ تەۋەسىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى تەمىنات-سودا كوپىراتىپ سىستېمىسى 2018-يىلى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە بەش ئامباردا ساقلاش، سېتىۋېلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، يەتكۈزۈش مەركىزىدە ئىش باشلىدى. نۆۋەتتە، تۇرپان قۇرۇق ئۈزۈم سودىسى توپ سېتىش بازىرى، شىنجاڭ خوتەن ياڭاق توپ سېتىش سودا بازىرى، پىچان باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئامباردا ساقلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش سودا مەركىزى ئالدى بىلەن تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى.

بۇ يىل، شىنجاڭ تەمىنات-سودا كوپىراتىپ سىستېمىسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىيات سۈپىتىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، تور ئىچى قوشۇلغان تور سىرتىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات ئەندىزىسىگە ئاساسەن، تور ئىچى بىلەن تور سىرتى تۇتاشتۇرۇلغان تور تەمىنات-سودا كوپىراتىپىنى قۇرىدۇ. جايلاردىكى تەمىنات-سودا كوپىراتىپلىرىمۇ ئىككى تور قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت قىلىپ، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى بىلەن مۈلۈك ھوقۇقى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، سېتىش تور نۇقتىلىرى، ئامباردا ساقلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش مەركىزى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سىستېمىلىق، تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇقىم بولغان سېتىش يولى ۋە تورىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىدۇ.