شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن سانجى چېگىرلىنىدىغان جايدىكى بىر تاغلىق رايوندا قار كۆچتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-04-10 18:11

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

4-ئاينىڭ 6-كۈنى شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن سانجى چېگىرلىنىدىغان جايدىكى بىر تاغلىق رايوندا قار كۆچكۈنى يۈز بېرىپ، 10 تاققا چىقىش ھەۋەسكارى قاپسلىپ قالدى. مەلۇماتنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن، شۇ يەردىكىلەر نۇرغۇن كۈچلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاختۇردى. 4-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قاپسىلىپ قالغان 10 ھەۋەسكارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلدى.