چوڭ ئامبارنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى شەندۇك قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرى ساقلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-04-11 17:32

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىن بۇيان، شەندۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى چوڭ ئامبارنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، شەندۇك قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردا يېڭى ساقلاش ئامبىرى قۇرۇش ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرىنى ئىچكىرى جايلارغا يۆتكەپ، ئىستېمالچىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە قولاي سېتىۋېلىش تەلىپىنى قاندۇردى.

ھازىرغىچە، چوڭ ئامبارنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشىدا شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن، جىنىڭ، رىجاۋ قاتارلىق جايلىرىدا جەمئىي 30مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئۈچ چوڭ يېڭى ساقلاش ئامبىرى قۇرۇلدى، جىنەن، رىجاۋ، جىنىڭ، تەيئەن، دوڭيىڭ، يەنتەي قاتارلىق جايلاردا قەشقەرنىڭ ياخشى تەمى ماركىلىق مەخسۇس سېتىش دۇكىنى قۇرۇلدى، بازار+ ئامبار+مەخسۇس سېتىش دۇكىنى+ تاللا بازار سېتىش سىستېمىسى ئارقىلىق چىلان، ياڭاق، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق ئالاھىدە مىۋىلەردىن 600 نەچچە توننا سېتىلدى.

قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك، يېزا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەندۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلان كەسپى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مىڭ ۋېنئەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چوڭ ئامبارنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، قەشقەرنىڭ ياخشى تەمى شەندوڭ مۇۋەققەت سودىگەرلەر تەكشۈرۈش ئۆمىكى يېقىندا يەنە شىنجاڭغا بېرىپ، قەشقەردىكى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش كارخانلىرىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەھسۇلاتلارنى تاللىغان، قەشقەر، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش جىپسىلاشتۇرۇلۇش ئارقىلىق مۇددىئا ئىمزالىغان كارخانا 20گە، ئامبارغا كىرگۈزۈلگەن مەھسۇلات 2600 توننىدىن كۆپرەككە، زاكاس ئومۇمىي سوممىسى 110مىليون يۈەنگە يەتكەن.