شىنجاڭ نامرات ئاممىنىڭ بىخەتەر ئىچىملىك سۇ ئىشلىتىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-05-07 19:19

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2012-يىلىدىن 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا جەمئىي 3 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەل قىلغان.

بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەنە 120 تۈرلۈك ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، قالغان 361 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ بىخەتەر ئىچىملىك سۇ ئىشلىتىشىگە ياردەم بېرىپ، بىرمۇ ئائىلىنى، بىرمۇ كىشىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

5-ئاينىڭ بېشىدا تارىم ئويمانلىقى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىگە كىردى. ئويمانلىقنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى بوستانلىق كەنتتە تۇرسۇن توختى جۈمە ھەر كۈنى ئەتىگەن چىقىپ كەچ قايتىدۇ، ئۇنىڭ ئېتىزلىقتىن ئۆيگە قايتقاندىكى تۇنجى ئىشى ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدىغان سوغۇق چاي ئېچىش ئىدى 61 .ياشلىق بۇ بوۋاينىڭ قارىشىچە، بۇلتۇر پۈتۈن كەنتكە خاتىرجەم بىخەتەر بولغان تۇرۇبا سۈيى تۇتاشتۇرۇلغاندىن بۇيان، قۇملۇقنىڭ چېتىدىكى تۇرمۇش ئەجدادلارنىڭكىدەك ئۇنچە جاپالىق ئەمەس بولۇپ قالدى.

خوتەن شەھەرلىك يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش، ئىچىملىك سۇنى باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇقادىر ئابدۇللانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاممىنىڭ سۇ كەمچىل بولۇش، زەي سۇ ئىچىش تارىخىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، 1995-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يېزىلىرىدا قۇدۇق قېزىپ يەر ئاستى سۈيى ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن يەر ئاستى سۈيىنىڭ فتور مىقدارى، قاتتىقلىق دەرىجىسى، ئىشقارلىق دەرىجىسى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر ئىچىملىك سۇ ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كېتىپ، پەقەت ئاممىنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىلا ھەل قىلالىغان ئىدى. 2017ـ يىلىدىن باشلاپ، شۇ جاي يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى، مەركەز ۋە يەرلىك خوتەن شەھىرىنىڭ ئاقچار يېزىسىدىلا 14 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، تۇرۇبا سۈيى زاۋۇتى قۇرۇپ، 15 ئىش تەرتىپى بويىچە تۇزلۇق سۇنى بىر تەرەپ قىلدى، ھازىرغىچە يېزىدىكى 5500 دىن ئارتۇق كىشى بىخەتەر تۇرۇبا سۈيىنى خاتىرجەم ئىچەلەيدىغان بولدى.