شىنجاڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمەكتە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-05-08 17:51

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەغرۇپ موللاقۇرباننىڭ ئائىلىسى قىشنى ئالدىراش ھەم ئىللىق ئۆتكۈزدى. قىشتا ئۇنىڭ ئۆيىدىكى پار بەك ئىسسىدى، بۇرۇنقى يۇرتىدا قالغان چۆيۈن مەش ئىلگىرىكى نامرات تۇرمۇشىنىڭ ئەسلىمىسىگە ئايلاندى.
مەركەز ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن ئۆلكە، شەھەرلەر قاتارلىق كۆپ تەرەپتىكى كۈچلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېغىر نامرات جايلار كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالىنىشقا ھەر تەرەپلىمە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، مەغرۇپ موللاقۇربانغا ئوخشاش بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

مەغرۇپ موللاقۇربان بىلەن ئايالى رەناگۈل قەھرىمان 1980-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان، بۇرۇن «تاغلار ماكانى» دەپ ئاتالغان قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا ياشاپ كەلگەن. بۇ يەردىكى تاغلىق يەرنىڭ كۆلىمى %95 تىن ئاشىدىغان بولۇپ، مەركەزلىك تۇتاشما ئېغىر نامرات رايون ئىدى.

بۇلتۇر 7-ئايدا، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى ئارقىسىدا، مەغرۇپ موللاقۇرباننىڭ ئائىلىسى كۇئېنلون تېغىدىن چىقىپ، 94 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسىنىڭ تۇڭئەن يېزىسىغا كۆچۈپ كەلدى.

80 كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆي، 300 كىۋادرات مېتىرلىق ھويلا، 40 كىۋادرات مېتىرلىق يېپىق قوتان بار بولدى، يەنە يۈرۈشلەشكەن، ئەسلىھەلىرى تولۇق پائالىيەت مەركىزى، شىپاخانا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى قۇرۇلدى، تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بۇرۇنقى يۇرتتىكى ۋەيرانە مەنزىرىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ يەردە تۇرۇبا سۈيى، توك بار بولدى، قاتنىشى قولايلاشتى.

ئەر-ئايال ئىككىيلەن ئىشىكى ئالدىدىلا بەش خىل مېتال، تازىلىق بۇيۇملىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى دۇكىنى ئېچىپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ھەم ئائىلىسىنىڭ كەلگسى تەرەققىيات پىلانىغىمۇ ئىگە بولدى. مەغرۇپ موللاقۇربان ھازىر ھەر كۈنى كىرىم قىلىۋاتىمىز، كۆپرەك پۇل جۇغلىغاندىن كېيىن، بالىلىرىمىزنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتىمىز دېدى.

شىنجاڭ نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، 160 مىڭ دېھقان-چارۋىچىنى نامرات جايلاردىن كۆچۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئېگىزلىكتىكى تاغنىڭ ئىچكىرىسى ھەم قۇملۇقنىڭ مەركىزىدىن چىقىپ، بوستانلىق، تۈزلەڭلىككە بېرىشىغا ياردەم بېرىپ، نامراتلىق مەسىلىسىنى تەدرىجىي ھەل قىلماقتا.