شىنجاڭ ئىنچىكە ھېسابات قىلىپ، يېشىل ئېنېرگىيەدىن ياخشى پايدىلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-05-10 18:18

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئېلىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى مول رايونى بولغان شىنجاڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى قاتارلىق يېشىل ئېنېرگىيەدىن ياخشى پايدىلاندى، 1 - پەسىلدە شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن ۋاز كېچىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 6.6 پوئىنتى ۋە 7.8 پوئىنتى تۆۋەنلەپ، يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان توسالغۇ يەنىمۇ بوشىتىلدى.

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدىن 3 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆلچىمى ئىچىدە ، شامال كۈچى ئارقىلىق توك چىقىرىش مىقدارى 7 مىليارد 660 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.8 ئاشقان؛ يورۇقلۇق ۋولتلۇق توك چىقىرىش مىقدارى 2 مىليارد 610 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.7 ئېشىپ، يېشىل ئېنېرگىيەدىن تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىلغان .

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭنىڭ شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 19 مىليون 251 مىڭ كىلوۋات، يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 9 مىليون 616 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكەن، يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلىگەن، يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ۋە ئىگىلىگەن نىسبىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.