شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئامما روزى ھېيتنى قىزغىن تەبرىكلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-05 18:18

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

6-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر، خۈيزۇ، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان ئامما روزى ھېيتنى خۇشال-خورام ئۆتكۈزدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى 1 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇۋېتىلدى. ئۈرۈمچىدە كارخانىلار مىللىي ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادىتى بويىچە بالدۇرلا بايراملىق يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ، بايرامنى خۇشال-خورام ئۆتكۈزدى؛ سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا، شۇ جايدىكى سەھرا ئارامگاھى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار خۈيزۇ ئامما ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىپ بىللە بايرام ئۆتكۈزۈشىنى كۈتتى؛ خوتەندە ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش كادىرلىرى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ، تەرەققىيات ئۈستىدە مۇڭدىشىپ، روزى ھېيتنى خۇشال-خۇرام تەبرىكلىدى.