تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چۆرىسىگە شورتاڭ شال تېرىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-05 18:23

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن شورلۇق يەرلەر تارقالغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلەتكىلى بولماي كەلگەن ئىدى. 2018-يىلىدىن تارتىپ، يۈەن لۇڭپىڭ شورتاڭ شال پەن تەتقىقات ئۆمىكى بۇ يەرلەرنى تېرىلغۇ يەر قىلغان تەجرىبە ئېتىزلىرىنى ئاچتى، بۇ يىل يەنە سىناپ تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتتى. 6-ئاينىڭ 3-كۈنى، بۇ يىللىق شال مايسىسى بۇ يەرگە تىكىلدى.

شورتاڭ شال تەجرىبە ئېتىزى-تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي چېتىدىكى يوپۇرغا ناھىيەسى بايئاۋات يېزىسىغا جايلاشقان، سىناپ تېرىش كۆلىمى 300 مو كېلىدۇ، شال مايسىسى ماشىنىلاشقان ئۇسۇلدا تىكىلدى. يۈەن لۇڭپىڭ شورتاڭ شال پەن تەتقىقات ئۆمىكى شىنجاڭ رايونىنىڭ مەسئۇلى ساۋ جىشۈن مۇنداق دېدى: سىناپ تېرىلغان يەرلەرنىڭ تۇز مىقدارى %17 ئەتراپىغا يېتىدۇ، PH كىسلاتا-ئىشقارلىق دەرىجىسى سەككىزدىن ئاشىدۇ، شۇڭا ئېغىر شورلۇق يەرگە تەۋە، شورتاڭ شال تۇپراقنى ياخشىلاش، شور تەركىبىنى ئازايتىش ئۈنۈمىگە ئىگە، ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە، بۇ شورلۇق يەرلەرنى مۇنبەت ئېتىزلارغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. 2018-يىلى يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى تەجرىبە ئېتىزىنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 549 كىلوگرامغا يېتىپ، دەسلەپكى مۇۋەپپەقىيەت قولغا كەلتۈرۈلدى.

بايئاۋات يېزىسىنىڭ باشلىقى ئالىمجان مۇنداق دېدى: بۇ تەجرىبە ئېتىزلىرى بۇرۇن چۆل-باياۋان ئىدى. شەندۇڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا، يۈەن لۇڭپىڭ شورتاڭ شال پەن تەتقىقات ئۆمىكى بۇ يىل 2-قېتىملىق تېرىش سىنىقىنى قانات يايدۇردى، پۇقرالار شورتاڭ شالنىڭ قاقاس يەرلەرنى مۇنبەت ئېتىزلارغا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بەك خۇشال بولدى.