تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى شەھەرلەر شىنجاڭدا ساياھەت جانلىنىشقا كۈچ قوشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-11 15:04











جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ھازىر دەل شىنجاڭدا ساياھەت جانلىنىش مەزگىلى، تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ئۈرۈمچى شەھىرى، قۇمۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قول تۇتۇشۇپ،ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىش، سېتىش، كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، تەڭرىتاغنىڭ ساياھەت بايلىقىنى ئورتاق قېزىپ، شىنجاڭدا ساياھەت جانلىنىشقا كۈچ قوشتى.

مۇخبىرنىڭ يېقىندا قۇمۇل شەھىرىدە ئېچىلغان « شىنجاڭ شەرقىي تەڭرىتاغ ساياھەت ئىتتىپاقى»نىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە،يۇقىرىقى ئۈچ شەھەر،بىر ئوبلاستنىڭ ساياھەت تارماقلىرى ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ،« شەرقىي تەڭرىتاغنى ئايلانغان مىڭ چاقىرىملىق ساياھەت ئالتۇن لىنىيەسى » نى بىرلىكتە بەرپا قىلغان.بۇ ئىتتىپاق ھەر يىلى بىر نۆۋەتچى شەھەر تەسىس قىلىپ، شەرقىي تەڭرىتاغ ساياھەت بازىرىنى ئېچىشنى ماسلاشتۇرۇپ، تۆت جاينىڭ ساياھەتچىلىكىنى كېڭەيتىش پىلانىنى تۈزۈپ، ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ يىللىق نىشانىنى بېكىتكەن؛ تۇنجى نۆۋەتچى شەھەر قۇمۇل شەھىرى بولغان.

قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە رادىيوـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاۋ خەييەن مۇنداق دېدى: بىز يەنە ئەتراپتىكى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دۇنخۇاڭ، جيۇچۈەن، جيايۈگۇەن قاتارلىق شەھەرلىرى بىلەن ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىمىز؛ شىنجاڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش جەمئىيىتى شەندۇڭ، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش كەسپىي تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەڭرىتاغقا چىقىش باش تېمىلىق ساياھىتىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.