شىنجاڭ تۆمۈر تارماقلىرى قۇربان ھېيتتا 157 پويىز كۆپەيتىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-09 18:02

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى ئوق پويىز ۋە ئادەتتىكى يولۇچىلار پويىزىدىن 157نى كۆپەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىشنى پىلانلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، «قۇربان ھېيت» مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى ئۈرۈمچىدىن قۇمۇل، تۇرپان-قۇمۇل، تۇرپان شىمالىي، پىچان شىمالىي ۋوگزاللىرىغىچە بولغان ئوق پويىز؛ ئۈرۈمچىدىن شىخەنزە، كورلا، غۇلجىغىچە ھەمدە بېيتۈن شەھىرىدىن قورغاسقىچە بولغان ئادەتتىكى يولۇچىلار پويىزىدىن جەمئىي 157نى كۆپەيتىدىكەن.

كۆپەيتىلگەن پويىزلار جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى مۇھىم تۈگۈن شەھەرلەر ۋە داڭلىق ساياھەت مەنزىللىرىنى قاپلىدى. تۆمۈر يول تارماقلىرى ھېيت مەزگىلىدە سەپەرگە چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ يېڭى پويىز يۈرۈش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، سەپەرگە چىقىش پىلانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەسكەرتتى.