شىنجاڭ ئوق پويىز دەۋرىگە كىردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-13 16:02

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:سائەتلىك سۈرئىتى 160 كىلومېتىر كېلىدىغان «فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىز يېقىندا شىنجاڭدا قاتناشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى سۈرئەتلىك پويىزدىن ئوق پويىز دەۋرىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈر يولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئوقۇشىچە، يېقىندا شىنجاڭ تۆمۈر يولىدا 20 يۈرۈش «فۇشىڭ» ناملىق نۆۋەتچى پويىز كەينى-كەينىدىن قاتنايدىكەن، غۇلجا، شىخەنزە، كۇيتۇن، شىخو قاتارلىق جايلارغا كۆپ يۆنىلىشتىن، سىجىل قاتناپ، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى ھەر قايسى شەھەرلەردىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىلىدىكەن.