ۋون دېر لېيېن تىرامپنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-20 16:22

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

تىرامپ 18-مارت ئىجتىمائىي تور بېكىتىدە مۇنداق دېدى: گېرمانىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قەرز بولۇپ قالدى، ئامېرىكا گېرمانىيەنى كۈچلۈك ۋە ئىنتايىن قىممەتلىك مۇداپىئە بىلەن تەمىن ئەتتى، شۇڭا گېرمانىيە قەرزنى تۆلىشى كېرەك.

گېرمانىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى 19-مارت بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قەرز بولۇپ باقىنى يوق، گېرمانىيە مۇداپىئە خام چوتىنى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە %2 سەۋىيەگە يەتكۈزمەكچى، بىراق بۇ خام چوتنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش خاتا. گېرمانىيەنىڭ مۇداپىئە خام چوتى يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىقنى قوغداش ھەرىكىتى ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش قاتارلىق تۈرلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇ، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش جەريانىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مالىيە چىقىمىنى ئادىل ئۈستىگە ئىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.