ئۈچ كۈندە تۆت قېتىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكتىن فىرانسىيە ۋەزىيىتى جىددىيلەشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-20 16:24

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
فىرانسىيەدە يېقىندا ئۇدا ئوققا تۇتۇش، پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تارماقلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. جامائەتچىلىك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: فىرانسىيە زۇڭتۇڭ چوڭ سايلىمى ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، بۇ قېتىم ئۇدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئامانلىقنى ساقلاش خىزمىتىنى كەسكىن سىناقلارغا يولۇقتۇردى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: 18-مارت ئەتىگەندە، پارىژنىڭ شىمالىدىكى گۇناس بىلەن سىتەن بازىرى چېگرىلىشىپ تۇرىدىغان بىر يول دوقمۇشتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇچ ساقچى بىر ئاق رەڭلىك ئاپتوموبىلنى تەكشۈرگەن، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى بىر ئەر كىنىشكىسىنى چىقارغاندا تاپانچا بىلەن ساقچىلارغا ئوق چىقىرىپ، بىر ساقچىنىڭ يۈزىنى يارىلاندۇرغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن، سائەت 7 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، بۇ ئەر بىر قاۋاقخانىغا كېلىپ، بىر تەرەپتىن قاۋاقخانىدىكى كىشىلەرگە ئىسلام تېررورلۇقىنىڭ تەھدىتنى سۆزلىگەچ بىر تەرەپتىن بىر قانچە پاي ئوق چىقارغان، بىراق يارىلىنىش ئەھۋالى بولمىغان. ئارقىدىن بۇ ئەر ئايرودۇرۇمىدا قوراللىق چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىيلەر ئىچىدىكى ئايال ئەسكەرگە ئېتىلىپ بارغان. كېيىن بۇ ئەر نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلانغان.