رۇسىيە تۈزۈمگە قارشى تۇرۇش تەكلىپىنى ماقۇللاپ، رۇسىيە ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنى تەكشۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-20 16:25

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇسىيە دۆلەت دۇماسى ۋە پارلامېنتنىڭ تۆۋەن پالاتاسى 17-مارت بىر تۈرلۈك قارار ماقۇللاپ، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان قىلمىغانلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن، رۇسىيە تەۋەسىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالاقىدار تەكلىپنى رۇسىيە بىرلىككە كەلگەن پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزاسى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى، ئامېرىكا ئاۋازى رادىيو ئىستانسىسى، ئەركىن رادىيو ئىستانسىسى قاتارلىقلارنىڭ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

رۇسىيە دۆلەت دۇماسى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قارارنى جاكارلىغان. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ تەكلىپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۈگۈنكى رۇسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا قاراتقان بېسىمىدىن ئۆچ ئېلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.