كورېيە تاراتقۇلىرى: 21-مارت پاك گۈنھېغا جىنايەت گۇماندارى سالاھىيىتى بىلەن دېلو تۇرغۇزۇلىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-20 16:25

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ 20-مارت خەۋەر قىلىشىچە: كورېيە تەپتىش نازارىتىنىڭ ئالاھىدە تەكشۈرۈش تارمىقى 21-مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە سابىق زۇڭتۇڭ پاك گۈنھېنى چاقىرىتپ، ئۇنى پار ئالغان، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغان دېگەندەك جىنايەت بىلەن تەكشۈرىدىكەن.

پاك گۈنھې كورېيە ئاساسى قانۇن تارىخىدا تەپتىش تەرىپىدىن تەكشۈرۈشكە چاقىرتىلغان تۆتىنچى زۇڭتۇڭ.

تەپتىش تەرەپ پاك گۈنھېنىڭ سامسۇڭ گۇرۇھتىن پارا ئالغان ئالمىغانلىقىنى، كارخانىغا ئۆزىنىڭ يېقىنى سۇي شىنشى كونترول قىلىپ تۇرغان MIR مالىيە گۇرۇھى ۋە K تەنتەربىيە مالىيە گۇرۇھىنىڭ پۇل چىقارغان چىقارمىغانلىقى، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرىنى سىرتقا ئاشكارىلىغان ئاشكارىلىمىغانلىقى قاتارلىق ئىشلار تەكشۈرۈلىدىكەن.

تەھلىلگە قارىغاندا، تەپتىش تەرەپ بىلەن پاك گۈنھې تەرەپ، پاك گۈنھېنىڭ ئاساسلىق جىنايىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىلىشىدىكەن.