ئاق سارايغا كىرمەكچى بولغان بىر گۇمانلىق شوپۇر قولغا ئېلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-20 16:28

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا ئاق ساراينىڭ ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان تېللېر ئىدارىسى 18-مارت مۇنداق دېدى: ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى شۇ كۈنى كېچىدە ئاق سارايغا كىرمەكچى بولغان بىر گۇمانلىق ماشىنىنى تۇتۇپ قالدى ھەمدە شوپۇرنى قولغا ئالدى.

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ شوپۇر ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىغا ماشىنىسىدا پارتلىتىش ئۈسكۈنىسى بارلىقىنى ئېيتقان. بىراق تېللېر ئىدارىسى پارتلىتىش ئۈسكۈنىسىگە ئالاقىدار گەپ قىلمىغان. تېللېر ئىدارىسى يەنە مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى ئەتىگەندە سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىر كىشى ئاق ساراي ئالدىدىكى ئارىلىق رايونغا كىردى، لېكىن پاسىلدىن ئۆتۈپ ئاق سارايغا كىرمىدى، ئاندىن كېيىن قولغا ئېلىندى.