دۇتىرويىت: جۇڭگو پاراخوتلىرىنىڭ پىرىستاندا توختىشىنى قارشى ئالىمىز
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-20 16:56

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا چەتئەل تاراتقۇلىرى جۇڭگونىڭ خۇاڭيەن ئارىلىغا يېقىن جايدا مۇھىت تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرغانلىقىنى ئۇشتۇمتۇت كۆپتۈرۈپ خەۋەر قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋەردە جۇڭگو پاراخوتلىرى بېنخام رايىسقا يېقىن جايدىكى دېڭىزغا يېقىنلاشتى، فىلىپپىن بۇنىڭغا يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى دېيىلدى. فىلىپپىن تاراتقۇلىرىنىڭ 19-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتىرويىت بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو پاراخوتى فىلىپپىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلمىدى، باشقا دۆلەتلەر پاراخوتلىرىنىڭ فىلىپپىن پىرىستانلىرىدا توختىشىنى قارشى ئېلىش كېرەك.

دۇتىرويىت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىسقا قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگونىڭ قىلغان بۇ ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلالمايمىز، ئامېرىكىلىقلارمۇ توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىلىپپىن ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە جۇڭگو بىلەن ئۇرۇشمايدۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىنغا يېقىن دېڭىزدا يۈرۈش ھوقۇقى بار.