جۇڭگو بىلەن نېپال «يىپەك يولى»ساياھەت ھەمكارلىقىنى مۇھاكىمە قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20 16:26

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى بىلەن نېپال-جۇڭگو سودا سانائەت جەمئىيىتى 19-ئاپرېل نېپالنىڭ پايتەختى كاتماندودا «يىپەك يولى» باش تېمىسىدىكى ساياھەت ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئىككى تەرەپ «يىپەك يولى» تەشەببۇسى ئاستىدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ساياھەت ھەمكارلىقىنى قانداق ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلدى.

نېپال مەدەنىيەت، ساياھەت ۋە خەلق ئاۋىياتسىيەسى مىنىستىرى جېررىي، جۇڭگونىڭ نېپالدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يۈ خوڭ قاتارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت بايلىقى ناھايىتى مول، ئىككى دۆلەتنىڭ ساياھەت ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور.

نۆۋەتتە دۆلەت ئاۋىياتسىيەسى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى، شەرق ئاۋىياتسىيەسى ۋە سىچۈەن ئاۋىئاتسىيەسىدىن ئىبارەت تۆت ئاۋىياتسىيە شىركىتى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق شەھەرلىرىدىن كاتماندوغا ئۇچىدىغان بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى باشقۇرماقتا. نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى جۇڭگولۇق جەمئىي 104مىڭ ساياھەتچى نېپالغا ساياھەتكە بارغان، بۇ ئالدىنقى يىلدىكىدىن يېرىمى كۆپ.