ب د ت بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقى تىنچ ۋە بىخەتەر بولغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20 16:27

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقى 19-ئاپرېل تۇنجى قېتىم يىللىق يىغىن ئۆتكۈزدى ھەمدە تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش رامكا كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.

كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ ئافرىقىنىڭ توقۇنۇشتىن مۇداپىئەلىنىش، توقۇنۇشقا تاقابىل تۇرۇش، توقۇنۇشنى مەنبيىدىن تۈگىتىش قاتارلىق تەرەپلەردە ھەمكارلىقنى تىرىشىپ كۈچەيتىدىكەن ھەمدە كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى قەرەللىك تەكشۈرىدىكەن.

ئافرىقا ئىتتىپاقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىقنى ساقلاش ساھەسىدىكى ئەڭ مۇھىم شېرىكى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ھازىر 16 تىنچلىقنى ساقلاش ھەرىكىتىنىڭ توققۇزى ئافرىقىدا. 2016-يىلىدىكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىنىڭ سەكسەن پىرسەنتىدىن ئارتۇق خادىمى ئافرىقىدىكى تىنچلىق ساقلاش رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.