تېللېرسون: ئامېرىكا چاۋشيەننى تېررورلۇقنى قوللىغۇچى دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزۈش كىرگۈزمەسلىكنى ئويلىشىۋاتىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20 16:27

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى تېللېرسون 19-ئاپرېل: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چاۋشيەننى «تېررورلۇقنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە قايتىدىن كىرگۈزۈش كىرگۈزمەسلىكنى ئويلىشىۋاتىدۇ دېدى.

تېللېرسون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تىرامپ ھۆكۈمىتى چاۋشيەنگە تۈرلۈك بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ يادرو پىلانىنى چەكلەش ئۇسۇلىنى باھالىماقتا، بۇ بۇ دۆلەتنى «تېررورلۇقنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر»تىزىملىكىگە قايتىدىن كىرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تور بېكىتىنىڭ ماتېرىيالىغا قارىغاندا، ھازىر ئامېرىكا ئىران، سۇدان ۋە سۇرىيەنى «تېررورلۇقنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. 2008-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى مەسىلىسى ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالاپ، چاۋشيەننى «تېررورلۇقنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر» تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.