تۈركىيە سايلام ئورگىنى ئومۇمىخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش ئىناۋەتسىز دېگەن ئىلتىماسىنى رەت قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20 16:28

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

تۈركىيە ئالىي سايلام كومىتېتى 19-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، قىسمەن پارتىيە ۋە سايلىغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنى ئومۇمىخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسى ئىناۋەتسىز دېگەن ئىلتىماسىنى رەت قىلدى.

بۇ ئىلتىماسنى ئوتتۇرىغا قويغان پارتىيە بولسا ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە جۇمھۇرىيەت ۋە خەلق پارتىيەسى، خەلق پارتىيەسى دېموكراتىك پارتىيەسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلەر پارتىيەسى.

ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنى ئومۇمىخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنىڭ دەسلەپكىي نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە ئىزمىردىن ئىبارەت ئۈچ شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز دېگەندىمۇ 20 شەھەردە كەينى كەينىدىن نامايىش پارتلىدى. تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھەر كۈنى دېگۈدەك نەچچە مىڭ نامايىشچى ئومۇمىخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلاشنى تەلەپ قىلغان.

ئىستانبۇل شەھەر مەركىزى بېشىكتاش رايونىدا سەكسەن پىرسەنتتىن ئارتۇق سايلىغۇچى قارشى ئاۋاز بەرگەن، بۇ رايونمۇ نامايىشچىلارنىڭ يىغىلىش قىلىدىغان جايلىرىنىڭ بىرى. ئۆتكەن ئۈچ كۈندە ھەر كۈنى كەچتە نەچچە مىڭ كىشى بۇ كوچىدا نامايىش قىلدى.

تۈركىيە «ھۆرىيەت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ساقچىلار 19-ئاپرېل ئىستانبۇلدا ئاز دېگەندىمۇ 38 ئادەمنى تۇتقان.