سانت پېتىربورگ مېتروسىنى پارتلىتىش ۋەقەسىدىكى گۇماندار ئەزىموۋ تۇتۇلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20 16:31

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇسىيە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ 19-ئاپرېل ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا: قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار شۇ كۈنى يېڭى موسكۋا رايونىدىكى بىر ئاپتوبۇس بېكىتىدە سانت پېتىربورگ مېتروسىنى پارتلىتىش ۋەقەسىدىكى گۇماندار ئابۇرو ئەزىموۋنىڭ ئاكىسى ئەكرەم ئەزىموۋنى تۇتۇۋالغان. قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار ئەكرەمنىڭ يېنىدىن بىر دانە گىرانات بايقىغان. فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئەكرەم تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ تەييارلىقىغا ئىشلىتىلىدىغان پۇلنى يۆتكەشكە ياردەملەشكەن ھەمدە خەلقئارالىق تېررورچىلار بىلەن ئالاقىلەشكەن. تەكشۈرۈش خادىملىرى ئۇنىڭ سانت پېتىربورگ مېتروسىنى پارتلىتىش ۋەقەسىدىكى رولى قاتارلىقلارنى ئېنىقلىماقتا.