پەلەستىن زۇڭتۇڭى 5-ئاينىڭ بېشى ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20 16:31

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا ئاق سارىيى 19-ئاپرېل مۇنداق دېدى: پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس 3-ماي ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدۇ. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن ئابباس ئىككى تەرەپنىڭ «ئەڭ ئاخىرىدا پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش لايىھەسى ھاسىل قىلىشقا تېرىشىمىز ۋە شۇنداق قىلىمىز» دېگەن ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلەيدۇ. ئالدىنقى ئاينىڭ 10-كۈنى تىرامپ ئابباس بىلەن تېلېفونلاشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئومۇميۈزلۈك تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشنىڭ پەيتى يېتىپ كەلدى، بۇ ئىشقا ئېشىشىمۇ مۇمكىن.