فىرانسىيە تاراتقۇلىرى: شى جىنپىڭنىڭ نۇتقى ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، گۇماننى ئازايتىپ، بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنىڭ كۈچلۈك ھاياتى كۈچىنى نامايان قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-15 17:24

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى 14-ماي بېيجىڭدا ئىچىلدى. فىرانسىيە تاراتقۇسى بولغان ياۋروپا ۋاقتى گېزىتى 14-ماي ئوبزور ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ جۇڭگو باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى رامكىسى ئىچىدىكى كۆلىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان خەلقئارالىق يىغىن بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياغا تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ سىستېمىلىق بولغان بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى قارىشى ۋە مەزمۇنىنى شەرھلەپ، بىر بەلباغ بىر يولنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ھاياتى كۈچىنى نامايان قىلدى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىدا جۇڭگو دۇنيانى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇنىڭ چېتىلىدىغان رايونى كەڭ، ھەمكارلىشىدىغان ئەزالىرى كۆپ، تۈزەش قېلىپى چوڭقۇر، مەشغۇلات قاتلىمى مۇرەككەپ بولۇپ، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان. بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بۈگۈنكى كۈنگىچە، خەلقئارا جەمئىيەت گۇمانلىنىشتىن تالاش-تارتىش قىلىش ۋە قوللاش جەريانىنى بېشىدىن كەچۈردى. بۇ بىر يېڭى مەھسۇلات چەتئەللەرنىڭ قوبۇل قىلىشتا دائىملىق جەرياننى بېشىدىن كەچۈردى.

ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: بۇندىن ئىلگىرى، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا سوغۇق پوزىتسىيەدە بولغان ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت كۆپلىگەن چوڭ دۆلەتلەرمۇ يىغىنغا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن ۋەكىل ئەۋەتتى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پوزىتسىيەسىدە ئۆزگىرىش بولدى، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى ئۇچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن ئەمەلىي نەتىجىلەر كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە نەپ يەتكۈزدى، شۇنداقلا بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان جۇڭگو بىر بەلباغ بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇش ۋە ئورتاق نەپكە ئىگە بولۇشقا ئالاھىدە پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى.