بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى يەر شارى مېخانىزمىنى يېڭىلاپ، دۇنيانىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قازىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-15 17:25

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

14-ماي، بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى بېيجىڭدا ئىچىلدى. رۇسىيە تاراتقۇلىرى بۇ قېتىمقى باشلىقلار مۇنبىرىگە يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قىلدى. رۇسىيە تاراتقۇلىرى مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى يېڭىچە يەرشارى مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ، غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. بىراق بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدىن بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسنىڭ يادروسى ئورتاق تەرەققىي قىلىشتەك ئۇچۇر تارقالدى.

تاسىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ بىر بەلباغ بىر يول ياقىسىدىكى دۆلەتلەرگە سالغان مەبلىغى 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ تەشەببۇس ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش قۇرۇلۇشىنى، ئېنېرگىيە ئالاقىسىنى، سودا كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە پەن-تېخنىكا، ئۇل ئەسلىھە، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتلەر ۋە رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى ئالاقىنى كۈچەيتكەن.

بۈگۈنكى رۇسىيە ئاگېنتلىقى ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى بىر-بىرگە كۆپلىگەن مەنپەئەت يەتكۈزدى، بۇنىڭغا قاتناشقانلا نەپكە ئېرىشتى. باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقانلارنىڭ تىزىملىكىدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلارنى بۇ تەشەببۇسنىڭ جەلپ قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

رۇسىيە گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى خۇۋەيت مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى بارلىق كىشىلەرگە نەپ يەتكۈزىدۇ، بىر بەلباغ بىر يولنىڭ تەرەققىي قىلىشى كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشقا ۋە دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە موھتاج. ئۇ ئۇلۇغ ئىشقا ئايلىنىشتەك غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. كەلگۈسى بىر قانچە ئون يىل ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ دۆلەت بۇ يېڭىچە يەر شارىلىشىش مۇساپىسىگە قاتنىشىدۇ.